بۇ پەسىلدە ناخشا- ئۇسسۇل ئۈزۈلمەيدىغان شىنجاڭنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلىڭ
19:10:11 2024-08-26 تىيانشان تورى

 بۇ پەسىل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى بولۇپ، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللار بىلەن ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

 تاڭ ئاتقاندىن قاش قارايغىچە، مەيلى ئېگىزلىكتە ياكى بوستانلىقتا بولسۇن، ھەممىلا يەردە كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 مېلودىيەلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ خىيالىي جايغا قەدەم قويغاندا، ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقتىن چەكسىز قىزغىنلىق ۋە خۇشاللىق ئۇرغۇپ، ئادەمنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلاتتى.

«ئېيىقلار بىلەن ئېلىشىش» ئويۇنى

8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئارتىسلار ئۈرۈمچى بالىلار باغچىسىدا «ئېيىق بىلەن ئېلىشىش» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، مەيدان، باغچە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مول، رەڭدار خەلق ئىچى سەنئىتىنى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلدى.   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

تاغ قوشىقى ئېيتىشىش

8- ئاينىڭ 23- كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئارتىسلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە كۆرۈرمەنلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلاندى. جېجياڭ ئۆلكىسىلىك خەلق سەنئىتى ئارتىسلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۇسسۇل «چاڭشىڭ بەييېلۇڭ»، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلى «شياۋچېخۇي»، جىلىن ئۆلكىسى چاۋشيەنزۇ مىللىتىنىڭ دېھقانلار مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى «مول ھوسۇل شادلىقى» قاتارلىق نومۇرلار بىر سەھنىدە ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان قالتىس ئەدەبىيات- سەنئەت كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلىندى.    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

ئەنسەي بەل دۇمبىقى

8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەنسەي بەل دۇمبىقى چالماقتا. مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تەنتەربىيە بىلەن سەنئەتنى يۇغۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.   ۋەلى قېيۇم فوتوسى

چۈچۈكبۇيا پىششىقلاش

8- ئاينىڭ 19- كۈنى، تۇڭيۇڭ تېخنىكىسى جۇڭگو تېببىي دورىگەرلىكى شىنجاڭ تىيانشان دورا ياساش سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان، زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى تەييارلايدۇ. نۆۋەتتە، شىركەت ئۆزبېكىستان بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، شۇ جايدا چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا.    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەندى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شىسىنىڭ تيېمېنگۇەن شەھىرىگە ئېگىزدىن نەزەر (8- ئاينىڭ 22- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيېمېنگۇەن شەھىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئورمان بىنا قىلىپ يېشىللىقنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، شەھەر رايونىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى % 43.42كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمىنى 29.4 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى.   لى جياچېڭ فوتوسى

سۇلۇق يەردە ماكانلىشىش

8- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچقۇرۇن، بىر توپ ئۆردەك ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ماكانلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قارا قاناتلىق ئۇزۇن پۇتلۇق لايخورەك، قارنا، ياۋا ئۆردەك، ئاققوتان قاتارلىق زور تۈركۈمدىكى ياۋا قۇشلار بۇ يەردە كۆپىيىپ ياشايدىغان بولدى.   ئارداق بېيىسقان فوتوسى

ئاي كۆتۈرۈلگەن كۆل بويىدا

8- ئاينىڭ 20- كۈنى سەھەردە، سانجى شەھىرى تىڭجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېشىل جىلغا مەنزىرە رايونىدا، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى، تۇدۇڭخابا چوڭ كۆۋرۈكى، كۆل سۈيى ۋە «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» ئۆزئارا گىرەلىشىپ چاقناپ تۇراتتى (2- قېتىم ئاشكارىلاندى).   ياڭ بىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125