جياڭ جۇڭپىڭ
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن قىياپىتى بىپايان زېمىندا نامايان بولدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يېيىلدى.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يەنە بىر سالمىقى ئېغىر بولغان كوردىنات تىكلەندى، 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئېقىنىغا قوشۇلدى.
2023- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات روھى، ئىسلاھات جاسارىتى، ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىندى. شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، چىقىش يولى تېپىپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقماقتا.
1
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە».
7- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇلتۇردىن بۇيان ئاچقان 3- قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلدى.
ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىش. «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت- تەدبىر»نى ئېلان قىلىش، تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشقا تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش... ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى توپلاپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات جاسارىتى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقىغا، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، خىرىس قانچە كەسكىنلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسەتتى، ئېتىز باشلىرى، زاۋۇت سېخلاردىن، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلام 1- سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈردى، ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدەندى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈردى، «نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش» «قەيەرنى ئىسلاھ قىلىش» «نېمىنى ئىسلاھ قىلىش» «قانداق ئىسلاھ قىلىش» «كىم ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش» «كىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلاھ قىلىش» توغرىسىدا پۇختا قەدەملەر ئارىسىدىن ئېنىق جاۋاب تېپىپ چىقتى.
ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۆنىلىش بەلگىلىدى، تەدبىر تۈزدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنى قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن ئېچىلىپ، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرۇلۇش سالمىقى زورايتىلدى... ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش ئالغا سىلجىتىلدى.
ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرغاندىلا جاھاننى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلتۇر 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن شەكلىدە مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.
ئىدىيەنى ئۆگىنىشتە، كادىرلار قوشۇنىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى؛ پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىشتە، كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامى چىڭىتىلىپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەملەندى؛ ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە، شىنجاڭ بىلەن مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىچكى رايونلاردىكى كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش كۈچەيتىلىپ، كادىرلار قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەسىپلىشىش ساپاسى ئۆستۈرۈلدى؛ يېڭى تۆھپە قوشۇشتا، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىنىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى قوزغىتىلىپ، ئىسلاھات ئەڭ مۇستەھكەم تايانچ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە قىلىندى.
«شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، «شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش» كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» كىشىلەر قەلبىنى بېيىتتى، «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش» كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلدى، «شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» كىشىلەر قەلبىگە ئۇيغۇنلاشتى − «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، بۇ، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقانلىقىدىكى تۈپ لوگىكا.
ھەيۋەتلىك تىيانشان، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسى، شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرىغا ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، يېڭىلىققا يۈزلىنىشتىكى كۈچلۈك ئېنېرگىيە مۇجەسسەملەنگەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا داۋاملىق يېڭى شانلىق سەھىپە پۈتمەكتە.
2
خەلق روھ، تاغ- دەريالار قەغەز، ئىسلاھات قەلەم قىلىنىپ، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھارارەتلىك مەنزىرىلەر سىزىپ چىقىلدى.
«ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىش كېرەك» «ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە زىددىيىتىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال- ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، سەمىمىي تاپشۇرۇقلىرىغا چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىممەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملىدى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ئەڭ مۇھىم. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر- يېزىلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېزلىتىلدى، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئاخىرقى ئۇچىغىچە راۋانلاشتۇرۇلدى... شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش»نى يىلمۇيىل ياخشى بېجىردى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىغا ۋە خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نەزەرىدە، ئىسلاھات كۆرگىلى بولىدىغان كۆك ئاسمان، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى چوڭقۇر تۈزەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ «ئېكولوگىيە گۈزەللىكى» بارغانسېرى ئاشتى؛ ئىسلاھات سەزگىلى بولىدىغان ئىللىقلىق، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەر شەھەر- يېزىلارنى قاپلىدى، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە بەخت ياراتتى؛ ئىسلاھات ئامما سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىدىغان دورا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشتا ئورتاق ياردەملىشىش، دورىلارنى «نۆل باھا پەرقى» بويىچە سېتىش، مەركەزلىك سېتىۋېلىش، تېببىي دورا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى؛ ئىسلاھات ھېس قىلغىلى بولىدىغان بەخت، تېخىمۇ كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى، تېخىمۇ يېقىشلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپ، يەنە ئاممىنىڭ يېنىدىكى «15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى»، تاماق ئۈستىلىدىكى «شىنجاڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى»، ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلىدىغان «شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان ماللارنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش»، ئىش بېجىرىش زالىغا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»... ئىسلاھات ئالغا ئىلگىرىلىدى، خەلق تۇرمۇشى ئىللىدى، مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە، تۇرىدىغان ئۆيى بولۇشتىن كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقىچە، پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇ تۇتۇلدى، شۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى، مول نەتىجە قەغەزلىرىگە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئىللىق قەدىمى خاتىرىلەندى.
خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ. شىنجاڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردى، پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى، كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى، شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئىجادىي ھالدا تۆت بۆلەك رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈش، تور ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش... خەلقتىن ئەقىل سوراش داۋامىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تېپىپ چىقىلدى، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش داۋامىدا ئىسلاھات ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى. خەلقتىن ئەقىل- پاراسەت قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، چوقۇم بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، باشتىن- ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، ئىسلاھات «سالمىقى»نى خەلق تۇرمۇشى «ھارارىتى»گە ئايلاندۇرغاندىلا، خەلق تۇرمۇشى «ھارارىتى» ئارقىلىق ئىسلاھات «شىكالىسى»گە بەلگە سالغاندىلا، جەزمەن خەلقنىڭ بەختىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئابىدىسىگە ئويغىلى بولىدۇ.
3
توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، نىشاندىن ئادىشىپ قالماي، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روشەن نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇسۇلى.
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدىن ئىبارەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىردەممۇ ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدىغان تۇتقا ۋە جان، «مۇقىملاشتۇرغۇچ» «كومپاس» «ئالتۇن ئاچقۇچ». شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تولۇق» «دەل جايىدا» «ئومۇميۈزلۈك» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار تېزلىتىلدى، شىنجاڭدىكى ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ياش- ئۆسمۈرلەر بىلەن قوشماقلىشىشى، دوستلىشىشى ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى شىنجاڭدىكى سەككىز مىنۇت دۇنيانى لەرزىگە سالدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ناھىيە بازىرىدىن «كەنت BA» مۇسابىقىسىدىكى چېمپىيون كوماندا چىقتى... جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىنى تاۋلاپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلاندى.
توغرىلىرىنى ساقلاش يېڭىلىق يارىتىشنى ئىرادە بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىش توغرىلىرىنى ساقلاشقا ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك».
ئىسلاھاتچىلارلا ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلىدۇ. شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلەتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى.
دىققەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كەسىپ ئاساسى پۇختىلاندى. مەملىكەت بويىچە، ھەتتا يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇلۇتسىمان تىتان تەتقىق قىلىپ ياسالدى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى بىر قېتىمدىلا شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، ئەۋرىشىم ئېلېكتىرونلۇق ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كۆمۈر قاتلىمى گازى بايلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ چارلاش- ئېچىش تېزلىتىلدى، دۆلەت دەرىجىلىك پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى تەسىس قىلىندى... كەسىپلەر يېڭىلاندى، بوشلۇق قايتا بەرپا قىلىندى، بازار تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى، قۇرۇلما تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى.
ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا ئۇلى مۇستەھكەملەندى. خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيەسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم «دۆلەت دەرىجىلىك» يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى قۇرۇش تەستىقلاندى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنى، چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق بىر تۈركۈم «كەسىپ + ئىختىساسلىقلار» سۇپىلىرى شىنجاڭغا ماكانلاشتى... پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتەك ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادە تىكلەندى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى يىلمۇيىل ئېچىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە سىستېمىلىق پىلانلاپ، «ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش» ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى.
يەنە ئېگىز چوققىغا چىقىپ يېڭى مەنزىل ئېچىلدى، يەلكەن تېخىمۇ ئېگىز چىقىرىلىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم زامانىۋىلاشقان كەسىپ گۇرۇھلىرى قۇرۇلدى، «ئون تور» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇنۇپ، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك تۈرلەر كەينى- كەينىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى... ئاساس كۈچەيتىلىپ ئۇل پۇختىلاندى، كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلاندى، شىنجاڭ ئىلمىي پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولىنى قوللىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ياخشى چارىسىگە ئېرىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچتى.
4
«كىچىك ئەقىل بىلەن كونكرېت، ئاددىي ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، چوڭ ئەقىل بىلەن تۈزۈم ئورنىتىپ ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلغىلى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلىغىلى بولىدۇ.» تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم لوگىكىسى.
سۇ بارلىق شەيئىلەرنى ياشنىتىدۇ، سۇ تىيانشاننى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، ئىنچىكە ھېساب قىلىپ سۇدىن ياخشى پايدىلىنىش، سۇنى قاتتىق، ئىنچىكە ياخشى باشقۇرۇش شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىش كېرەك.» «قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش» «ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش»تە نېمىگە تايىنىلدى، تايىنىلغىنى تەپەككۇر ئادىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىش، تايىنىلغىنى تۈزۈم كۈچى ئارقىلىق ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا- ئېقىنلارنى مۇھاپىزەت قىلىش بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئايرىۋېتىلىدىغان، ۋادى رايونىنى كۆپ تەرەپ باشقۇرىدىغان كونا ئەندىزە تۈپتىن بۇزۇپ تاشلاندى؛ سۇ تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، سۇ تەرەققىياتى ۋە سۇ بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى تەستىقلاپ يولغا قويۇلۇپ، سۇ بايلىقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈش باشلاندى... ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەت كۆزىتىلىپ، تۇرغۇزۇش بىلەن بىكار قىلىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى پۈتۈنلەي يېڭىدىن بەرپا قىلىندى، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتى يېڭى ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلدى، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئىچكى قىسىمدىن سىرتقا قاراپ چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنماقتا.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەبىئەت سۈيىنىڭ سۇغىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت ئېقىن سۇنىڭ مەۋج ئۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى زور جاسارەت بىلەن يولغا قويۇلدى، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» ئارقا- ئارقىدىن يېتىشىپ چىقتى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» تېز توپلاندى؛ زور مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلىندى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىرى» تۈزۈپ چىقىلىپ، كۈچەپ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىپ چۈشەكتىن بوشىتىلدى... ھازىر بىلەن كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، تۈرلۈك تۈزۈملەر يولغا قويۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى «قاتتىق مۇز»لار ئېرىشكە باشلىدى، تېخىمۇ كۆپ تۇلپار تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا بەس- بەستە بەيگىگە چۈشتى.
ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك قۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاجىز بولۇش، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ نۇقتىلىق يېزا- كەنتلەرگە 1- شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش تۈزۈمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار يېتىشتۈرۈلدى؛ يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى... شىنجاڭ مەركەزنىڭ تەلىپى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ئەمەلىي ئېھتىياج، يېڭى تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى زورايتتى.
ئۇل پۇختىلىنىپ، ئەۋزەللىكلەر جارى قىلدۇرۇلدى، كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەرقايسى ساھەلەردە، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تۈزۈملەر مەسىلىنى «تۈگەتكۈچ»كە، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى جانلاندۇرۇپ قويۇپ بېرىشتىكى «تۈرتكۈچ»كە ئايلانماقتا. دىققەت شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ.
5
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ھەم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش كېرەك، ھەم شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەريانىدا ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكىتلىگىنىدەك، «ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك».
ھەممە جايدا چىراغلار چاقنىدى، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇش مەنزىرىسى كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلدى. يېقىندا، بىر جۈپ ئەنگلىيەلىك ئەر- خوتۇن شىنجاڭدا كېچىدە بەھۇزۇر ساياھەت قىلدى، چەت ئەللىك تورداشلار بەس- بەستە «جۇڭگو يەر شارىدىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەت ئىكەن!» دەپ تەرىپلەشتى، بۇ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان مەدھىيەسى ۋە ئېنىقلىمىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.
قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلاھات مېۋىسىنى قوغداش. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتى سىجىل مۇستەھكەملەندى. تەرتىپنى ساقلاش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، پۇقرالار تېخىمۇ كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى.
قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلاھات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» يولغا قويۇلدى، بۇ شىنجاڭدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن تۇنجى يەرلىك نىزام بولۇپ، ھەم پىلانلاش بىلەن قوغداش گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەم دىققەت ۋارىسلىق قىلىش بىلەن پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغىچە، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر تۈركۈم يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەم ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ھەم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك قانۇن- نىزام تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى. ھەر ئاينىڭ 9-، 19-، 29- كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى... رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز «يېڭىلاندى».
قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. ئىلگىرى ئاز دېگەندە 180 كۈن كېتەتتى، ھازىر 18 كۈندىلا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى تېز ئەمەلىيلەشتى. «ئاغرىق نۇقتا»نى پەسەيتىش، «تىنما نۇقتا»نى تازىلاش، «توسۇق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرۇش، «قىيىن نۇقتا»نى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كارخانىلارغا ئالاقىدار تىجارەت ئىجازەت تۈرلىرى تولۇق قاپلانغان تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى يولغا قويدى، «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى ... ھەربىر «قاتتىق تەدبىر»نىڭ ئارقىسىدا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىدا خوت يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بار.
ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنچىللىقنىڭ كۈچ قوشۇشىغا تايىنىدۇ؛ پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ۋە بەخت- سائادىتى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىغا تايىنىدۇ. ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندا، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
6
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى پۇختا تۇتۇپ، ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك.» سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىققا ئەھمىيەت بېرىش بىر خىل خىزمەت ئۇسۇلى، شۇنداقلا بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئىسلاھاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تەجرىبە مەخپىي نومۇرى، شۇنداقلا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ غەلىبە قىلىش يولى.
تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاندى.
«بۇ يەر تەيبېي شىمېندىڭغا ئوخشاش ئاۋات ئىكەن.» شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ رەڭدار كېچىلىك مەنزىرىسى تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى ئىختىيارسىز ھاياجانغا سالدى. شىنجاڭغا نەزەر سالساق، ئاۋاتلىق چوڭ بازار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ! «جاھاندىكى گۈزەل ماكان» قاناس كۆلىدىن سۈرەتتەك گۈزەل بايىنبۇلاق يايلىقىغىچە؛ قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن كارىزدىن ئۆزگىچە قىياپەتتىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتىگىچە؛ سۆسۈن رەڭلىك چۈش كەبى ئۈستىقۇددۇس قورۇقىدىن مۇقەددەس، ھەيۋەتلىك مۇزتاغ چوققىسىغىچە ... مەنزىرىسى گۈزەل تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاپتوموبىللار، مېھمانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن توپ- توپ ساياھەتچىلەر شىنجاڭنى مىسلىسىز قىزغىنلىقنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، «City» شىنجاڭ دۇنيا خەلقىنىڭ «مېھمان كۈتۈش زالى» بولۇپ قالدى. ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى كەيپىيات خۇددى ئەينەككە ئوخشاش شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ تىنچ- ئىناق ئىكەنلىكىنى، چەكسىز يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سېلىنمىسى، ئىستېمالى، ئىمپورت- ئېكسپورت، مالىيە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى! بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئىنتايىن قىيىن!
ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىق بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاندى.
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى؛ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا، جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى غەربكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى؛ جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى؛ 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، تۈرلۈك چوڭ كېلىشىملەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالاندى... شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.4 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 42.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تېز پۈتۈپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى.
شىنجاڭدىن ئىبارەت «بىر رايون» بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ «ئومۇمىي ۋەزىيىتى» بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاندى.
نېفىت- تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا «شىنجاڭ تۆھپىسى» قوشۇلدى؛ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇپ، ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 20 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى» قاچىلاندى؛ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى مۇستەھكەملەندى... دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ شاھمات تاختىسىدا، شىنجاڭغا ئالاھىدە ھەم مۇھىم ئورۇن يۈكلەنگەن، شەرەپلىك ھەم مۇقەددەس بۇرچ زىممىگە ئېلىنغان. دۆلەت يۈكلىگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ چوقۇم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشىش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
7
ئىسلاھات شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ئۇنىڭغا شىنجاڭدىكى تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى يوشۇرۇنغان.
باش كۈزدىكى شىنجاڭدا، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى ھەممە يەرگە تارالغانىدى. 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى شەكىللىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا يۈكلىگەن زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى − يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، يىغىندا ئىسلاھاتتىن چىقىش يولى تېپىشتەك دەۋر كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلدى.
ئىسلاھاتتىن چىقىش يولى تېپىشتا، ئىدىيەۋى قاراشنىڭ ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. «مەسىلىنى مۇرەككەپ دەپ تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، زىددىيەتنى گەۋدىلىك دەپ ئەگىپ ماڭىدىغان، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالدى دەپ ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك»، نۇرغۇن سورۇنلاردا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇرغۇلۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىدىيەدە ئازاد بولۇش» «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» «ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.».جەزمەن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇر، تۇراقلىشىپ قالغان ئەندىزە، يولغا تايىنىۋېلىشنى قەتئىي تۈگىتىپ، «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
ئىسلاھاتتىن چىقىش يولى تېپىشتا، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك. رايون يۇغۇرما تەرەققىياتى، شەھەر- يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى... شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىشلىرى مۇز يېرىپ ئىلگىرىلەش داۋامىدا «يۇغۇرۇلۇش» تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماكانىنى ئاچتى. ئىسلاھاتنى جەزمەن خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا، كەسكىن ئىش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئارىسالدى بولۇپ چېكىنمەي، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەي، مىدىرمايدىغان «سۇەنپەن ئۇرۇقلىرى» بولماي، «بىر مو ئۈچ پۇڭ يەر»دىن سەكرەپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، «بىر تاختا شاھمات»نى ماسلىشىپ ياخشى ئويناش كېرەك.
ئىسلاھاتتىن چىقىش يولى تېپىشتا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەرەققىيات ئاساسىي رېڭىنى يورۇتتى... دەل يېڭىسىنى تۇرغۇزۇش بىلەن كونىسىنى قالدۇرۇش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسى يېڭىلاندى. جەزمەن كونا رامكا ۋە قېلىپلارنىڭ ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، «تۈزۈم» بىلەن «ئىدارە قىلىش»نى يۇغۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئىسلاھاتتىن چىقىش يولى تېپىشتا، خەلققە بەخت يارىتىش سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى نەق مەيدانىدا، «ئىش باشلاش بۇرغىسى» بالدۇرلا چېلىندى؛ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى «يەرلىكتىكى تونۇشتۇرغۇچى ئەمەلدار»غا ئايلاندى... «ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش» شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» «بىرمەھەل ھە دەپ ئىشلەش»، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق ھادىسىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئۆزگەرتىشنى ئويلىماسلىق» «ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق» «ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىق» «ئۆزگەرتىشنى بىلمەسلىك»كە ياق دەپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقنى چىڭىتىش كېرەك.
چوڭ دەريا كېچە- كۈندۈز ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ؛ گۇەنشەن تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن پىلانلاپ بەرگەن پارلاق داغدام يولنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىرادىدىن قايتماي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى چوقۇم يېڭىپ، بۈيۈك قەلىمىمىز بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن پۈتۈپ چىقالايمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)