ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
20:42:00 2024-08-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

 ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى  ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى.

 سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى سۇڭ ياجۈن، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ خۇي، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي، «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ تاۋ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بىن، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى يىن چياڭ، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىدىن مېي يۈ، يۆ فېڭ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ چېگرا شەھەر- بازار قۇرۇلۇشى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، يېشىل توك بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەشنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، يېزا- كەنت داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئېچىش- پايدىلىنىش، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچ قوشۇشى، شىنجاڭنىڭ خاس جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردە دىققەت مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشكەن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەر. ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك پىكىر- تەكلىپلەرنى كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ، ئىجادىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتا، ئاساسلىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، پائال تۈردە ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىسلاھاتقا پائال ئاتلىنىپ، ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، كونىنى بۇزۇپ يېڭىنى تىكلەشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلىشى كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا  قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى، تەشكىللەش- رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ساغلام تەرەققىيات»نى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قوللاپ، تىرىشىپ پارتىيە سىرتىدىكى كەڭ زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ، كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

 ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125