پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك
18:31:18 2024-08-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

جاڭ جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ كونكرېت تەلىپىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى، بۇ، ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى قۇچۇش كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇن مول بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىن قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «قارار» يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم كۆز قاراش، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، چىن دىل بىلەن ئۆگىنىش ۋە چىن دىل بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئەتراپلىق ئىگىلەشكە سىجىل كۈچەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۇتاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۇتاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چۈشىنىپ ئىگىلەپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا سىجىل كۈچەپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۇتقا، ۋاسىتە ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى پائال پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلار تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش ئاسارىتى، تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرى ۋە مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى قەتئىي تۈگىتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە قادىلىپ تۈزىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى چىدامچانلىقنى چېنىقتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەپ، «ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك مەسئۇلىيەتچانلىق، «ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قىلىش، قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىش»تەك ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى، «راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىشلارنى پۈتتۈرۈش»تەك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت ئارقىلىق، قەتئىي بوشاشماي ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ۋاڭ لىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئىككى قارارغا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلدى، 1- قاراردىكى 400دىن ئارتۇق كۇرسانت ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە شۆبە دەرسخانا تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125