8- ئاينىڭ 26- كۈنى ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە- ساياھەت قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ئۆزگىچە مىللەتلەر ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.
يازنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا قەدەمدە بىر سۈرەتتەك مەنزىرە بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى مەنزىرە تاماشا قىلىشقا، سەيلە- ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 28 مىليون 242 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا، ساياھەت كىرىمى 24 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %33.9 ۋە %41.99 ئاشتى.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى، بىر ساياھەتچى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئالدىدا توختاپ كۆرمەكتە.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى دوغاپچى ساياھەتچىلەرگە دوغاپ ئېتىپ بەرمەكتە.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى مەززىلىك تائاملار كوچىسى تۈرلۈك مەززىلىك تائاملار بىلەن لىق تولدى.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە- ساياھەت قىلماقتا.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.