شۇ كۈنى، 2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى گۇيياڭ شەھىرىدە باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى «سانلىق مەلۇمات بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش: رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئېچىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، جەمئىي 21 مىڭدىن ئارتۇق ئەزىز مېھماننى تىزىمغا ئالدۇرۇپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 414 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. مۇخبىر نەق مەيداننى ئايلىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان «يېڭى پەن- تېخنىكا»لارنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ لياڭ، ياڭ ۋېنبىن، ليۇ شۈ فوتوسى، خەۋىرى
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، خىزمەتچى خادىم جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە شوپۇرسىز ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يولغا چىققان كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتمەكتە.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، كۆرگەزمىنى كۆرگۈچىلەر 2024- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرىك چوشقا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىپىرلىق ئەقلىيلەشتۈرۈش مۇلازىمەت باش سۇپىسى مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچى خادىم جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە AIGC ئەقلىي سايە مەنزىرىسىنى ھېس قىلماقتا.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچى جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە AVP بوشلۇقىدا مۇسابىقە كۆرۈشنى ھېس قىلماقتا.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا- ئۈسكۈنە.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچى خادىم جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە AI + مېتا ئالەم بوشلۇقىنى ھېس قىلماقتا.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 2024- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)