جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا تەنبىھ بېرىش ھوقۇقى قوغدىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپ باشقۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەش، ئوقۇتقۇچىلارغا تۆھمەت قىلىش، يامان نىيەتتە كۆپتۈرۈش قاتارلىق سۆز- ھەرىكەتلەر قانۇن بويىچە جازالىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەكتەپلەر ۋە مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى زور كۈچ بىلەن يېنىكلىتىلىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، باھالاش ئىشلىرى ئىخچاملىنىپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى بولغان ئاساسىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)