مەدەنىي يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەشەببۇس قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاش، مەدەنىيەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىققا نەسىھەت قىلىش... ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 2- نۆۋەتلىك مەدەنىيلىك سەييارە زىيارەت قىلىش ئۆمىكىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئەزا قوبۇل قىلىدۇ، سىزنىڭ قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇخبىرنىڭ 8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى قوبۇل قىلغان ۋە تەشكىللىگەن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 1- نۆۋەتلىك مەدەنىيلىك سەييارە زىيارەت قىلىش ئۆمىكى»نىڭ ۋاقتى توشقان. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك سەييارە زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى گۈزەل ئۈرۈمچى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 2- نۆۋەتلىك مەدەنىيلىك سەييارە زىيارەت قىلىش ئۆمىكىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئەزا قوبۇل قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە «ئىختىيارىي بولۇش، قىزغىن سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدىكەن، ئومۇمەن ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقان، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغان؛ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، بىرقەدەر كۈچلۈك جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامچانلىققا ئىگە؛ يان تېلېفون قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ سۈرەت، سىن توپلاش ھەمدە بەلگىلىك يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋە ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان؛ يېشى 18دىن ئاشقان، تېنى ساغلام، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سەييارە زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تىزىملاتسا بولىدىكەن.
بۈگۈندىن باشلاپ 9- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە شەھەر ئاھالىلىرى «مەدەنىي ئۈرۈمچى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا ئەگىشىپ، دىيالوگ رامكىسىنىڭ ئاستىدىكى تىزىملىكتىن «مەدەنىيلىك پائالىيىتى»نى تېپىپ، «مەدەنىيلىك سەييارە زىيارەت قىلىش ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىش» ئۇلانمىسىنى چېكىپ، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تولدۇرسا ھەم تاپشۇرسا بولىدىكەن.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)