ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلى لى) شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ فوتو سۈرەت كەسپى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «خاۋرەن فوتو سۈرەت لوڭقىسى» شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش خىزمىتى يېقىندا تاماملاندى، تاللانغان ئەسەرلەر 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
«خاۋرەن فوتو سۈرەت لوڭقىسى» شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش نەق مەيدانى. ياڭ لى فوتوسى
«خاۋرەن فوتو سۈرەت لوڭقىسى» شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر «مۇز بىلەن قاپلىنىش»، ئاپتورى گو ياپىڭ.
شىنجاڭ فوتو سۈرەت كەسپىي جەمئىيىتى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش كەسپىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىنىڭ باھالىغۇچىسى شۈ ليەنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە دىققەت گۈزەل شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىن بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئەسەرلەر توپلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ھەۋەسكارلىرىنى بەس- بەستە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، جەمئىي 5000 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىندى، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى تەبىئىي مەنزىرە، شەھەر مەنزىرىسى، ئادىمىيەت خاتىرىسى، ياۋايى ھايۋانلار، تەبىئىي ئېكولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«خاۋرەن فوتو سۈرەت لوڭقىسى» شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر − «مول ھوسۇل مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل»، ئاپتورى لۈ مېيلىڭ.
«مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئىچىدە نۇرغۇن تەجرىبىسى مول بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش فوتوگرافلىرى بار، ئۇلار ئىلغار بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى تارتىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى». شۈ ليەنشېڭ مۇنداق دېدى: باھالىغۇچىلار ئەسەر ئىجادىيىتى، بەدىئىي تۈزۈلۈشى، رەڭگى، تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچنى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئالتىنى، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن توققۇزنى، نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن 40نى، مۇنەۋۋەر ئەدەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن 40نى باھالاپ چىقتى، بۇ ئەسەرلەر 8- ئاينىڭ 28- كۈنى شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ فوتوگراف كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
«خاۋرەن فوتو سۈرەت لوڭقىسى» شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر − «رەڭدار گۇچۇڭ»، ئاپتورى تەن يۇڭشېڭ.
«بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش فوتو سۈرەت سەنئىتىنىڭ بىر خىل يېڭىدىن گۈللەنگەن شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە كۆرۈش سېزىمى ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە». شۈ ليەنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ھەم شىنجاڭنىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش فوتو سۈرەت تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەم تېخىمۇ مول، كۆپ مەنبەلىك كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.