ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنى قوغدايلى
10:28:49 2024-08-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنى قوغدايلى

 − ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

 گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە بۇرچ- مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

 ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاش» «يەتتىنى نىشانلاش»نىڭ بىرى قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

 ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت بەخت- سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، يېشىل تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، تاغلارنى تېخىمۇ يېشىل، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش، مۇھىتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قىلدى. نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات داۋامىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چۆرىدىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسى ئىسلاھاتىغا قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق»نى نامايان قىلدى، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى دەل يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا «يېشىل بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەش» مۇقەررەر تەلەپ ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «باش ۋەزىپە»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشنى مەۋقە قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 يېشىل بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيەنىڭ گۈزەللىكىنى قوغدىغاندىلا، جەزمەن گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125