ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن، S249 لىنىيەسىنىڭ نامداۋاندىن جەنۇبىي تاغ ئېغىزىغىچە بولغان بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلدى، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللار ئايلىنىپ ئۆتۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ھەرىكەتچان يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 10دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، قومۇل تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرۇپ، ئاسرايدىغان S249 لىنىيەسى (ئاقتاش چوققىسى- ئىۋىرغول لىنىيەسى)سىنىڭ نۆل كىلومېتىردىن 26 كىلومېتىرغىچە (نامداۋاندىن جەنۇبىي تاغ ئېغىزىغىچە) بولغان بۆلىكىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەچكە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويغان، ئاپتوموبىللار G575 لىنىيەسىدىن ماڭسا بولىدىكەن، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن.
S249 لىنىيەسى قومۇلنىڭ جەنۇبىي تاغ ئېغىزىدىن تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، ئىۋىرغول رايونىنى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ساياھەت تاشيولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 61.94 كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئون چاقىرىمدا ئوخشىمىغان تەبىئىي مەنزىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان «ئەڭ گۈزەل تىيانشان تېغى تاشيولى» ھېسابلىنىدۇ. ھاۋا رايى، يەر شەكلى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، S249 لىنىيەسىدىكى نامداۋاندىن جەنۇبىي تاغ ئېغىزىغىچە بولغان يول بۆلىكىدە قىش پەسلىدە قاتناش توختىتىلىدۇ، بۇ يىل 5- ئاينىڭ 15- كۈنى قاتناش ئەسلىگە كەلگەن، كۈندىلىك قاتناش ۋاقتى سائەت 8 دىن 20گىچە بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)