ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
18:43:54 2024-08-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى  يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش، يېڭى دەۋردە مەمۇرىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاشنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت- تەدبىر»نى قاراپ چىقىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن بىرقانچە سىياسەت- تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، نېفىت- تەبىئىي گازنى چارلاش- ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى كەسىپلەر توپى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»غا كېڭەيتىش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، گىرەلەشمە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىگە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئىزچىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىكى تەربىيەلەش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى مەمۇرىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەمۇرىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئاشكارىلاش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، مەمۇرىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇشنىڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، خاس باغ- ئورمانچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئورمان، ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش ئىش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش ئىش تۈرلىرىنىڭ سانىنى مۇۋاپىق ئىخچاملاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئاجرىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125