− ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
قانۇنچىللىق − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشتىكى مۇقەررەر يول. ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق تىرىكى ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»نى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قوغداشتا چىڭ تۇردى؛ قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رايون تەرەققىياتى زور ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارغا پۈتۈن زەنجىرلىك كۈچىدى؛ قانۇن ئىدارە قىلىش خەلق ئۈچۈن بولۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇردى؛ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىدى.
قانۇنچىللىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشمۇ مۇقەررەر ھالدا قانۇنچىللىق كاپالىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى، تارىخىي مۇھىم ۋەزىپە ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىن جەزمەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر قاتارلىقلارغا دائىر يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشاش بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىگە ھەمراھ بولىدۇ. ئىسلاھات بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، قانۇنچىللىق شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ، جەزمەن ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنى ماسلاشتۇرۇش، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر تەرەپتىن، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا قانۇن- تۈزۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇسى ۋە مەنپەئەت توسۇقلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ئېغىر، يول يىراق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.