بىڭتۇەن 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- نۆۋەتلىك كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي خې جۇڭيوۋ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- نۆۋەتلىك كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە تۈزۈلمىسىگە دائىر ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى سىجىل تۈگىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سىنى ئادا قىلىشى، «تۆت چوڭ رول»ىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ تۈزۈلمە، بايلىق، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى بىڭتۇەن رايون بۆلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇش ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك، دائىملاشقان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد- تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش مېخانىزمى، كەسىپنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش مېخانىزمى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇشى، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، چوڭقۇر گىرەلىشىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرانى قوغداش، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىڭتۇەننىڭ خەلق ئەسكەرلىرى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئىسلاھ قىلىش چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
خې جۇڭيوۋ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتتا باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پائال پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھات خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا ئىسلاھات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەلىپى بويىچە، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇنچىل بىڭتۇەن، تىنچ- ئامان بىڭتۇەن قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار تەكىتلەندى.
بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىدىن شۆ بىن، ليۇ جيەنمىڭ، لى جېنگو، ليۇ شىنجيەن، جاڭ ۋېنشېڭ، جياڭ شىنجۈن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، لى شۈ، جۇ شۆبىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)