ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى: يازلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان چېگرادىن كىرگەن- چىققان خادىملار 130 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
19:18:04 2024-08-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا) 8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 10لاردا، ئۈرۈمچى- ئالمۇتا CZ6075 قېتىملىق خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا ئەگىشىپ، يازلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن- چىققان خادىملار 130 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، چېگرادىن كىرگەن- چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلان 1346 قېتىمدىن ئاشتى، چېگرادىن كىرگەن- چىققان خادىملار ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %59 ۋە %109 ئاشتى.

 شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، چېگرادىن كىرىش- چىقىشقا قولايلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 7- ئايدا يازلىق توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن- چىققان كىشىلەر ئېقىمى ئىزچىل يۇقىرى پەللە ھالىتىدە تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر كۈندە ئەڭ يۇقىرى پەللە 8- ئاينىڭ 21- كۈنى كۆرۈلۈپ، 2865 كىشىگە يەتكەن.

 يازلىق يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىگە يۈزلىنىپ، ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى ئىلمىي تەشكىللەپ ھەم يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى كۆزىتىپ، ۋاقتىدا ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، يولنى كۆپەيتىپ ئېچىپ، تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى ھەر ۋاقىت توغرا يۆنىلىشتە تېزلىتىپ، پورتنىڭ قاتناش سىغىمچانلىقىنى چوڭقۇرلاپ ئاشۇردى. «ساياھەت ئۆمىكى» «ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار ساياھىتى» «ئوقۇغۇچىلار ساياھىتى» بىرقەدەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ئىش ئورنىدا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېتەكچىلىكى ۋە مەسلىھەت بېرىش، جاۋاب بېرىشنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن بىخەتەر، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

 «مەن ئىزچىل گۈزەل شىنجاڭغا تەلپۈنەتتىم، بۇ قېتىم ساياھەتكە كېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئاۋسترىيەلىك ساياھەتچى ABAY ZHANIYA مۇنداق دېدى: خەلقئارادا «China Travel» قىزىق نۇقتىلىق سۆز بولۇپ قالدى، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان ئالمۇتا ئارقىلىق ئايروپىلان ئالمىشىپ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىدىم، گەرچە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە 8- ئاينىڭ 26- كۈنى سەھەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن چېگرا تەكشۈرۈش خەلق ساقچىلىرى يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك يولۇچىلارغا قىزغىن، ئىللىق مۇلازىمەت قىلدى، بۇنىڭدىن مەن جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدىم، كېيىنكى سەپىرىمگە تەقەززا بولۇۋاتىمەن.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، يېڭىدىن كۆپىيىشى ۋە زىچلىشىشى، ھەمدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشى قاتارلىق چېگرادىن كىرىش- چىقىشقا قولايلىق كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان ۋە چېگرادىن ئۆتكەنلەرنىڭ سانى مۇقىم ئاشقان. «بۇ يىل پورتتىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلارنىڭ ئېقىم مىقدارى يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى» دېدى ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 3- ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى فېڭ چاۋ.

 ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئۈرۈمچىدىن قازاقىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەت (رايون)لەرگە بېرىپ كېلىدىغان 19 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان. «يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سانلىق مەلۇماتلىرى جۇڭگو- چەت ئەل خادىملىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، بېرىش- كېلىشىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالدى» دېدى ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ۋۇ يۇڭ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125