دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى
19:44:11 2024-08-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

 گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 دۆلەت خەۋپسىزلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىدا «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

 شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق بولمىسا، ھېچقانداق ئىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق بولغاندىلا، ساياھەتچىلەر ئاندىن بەس- بەستە كېلىدۇ، كارخانىلار ئاندىن خاتىرجەم مەبلەغ سالىدۇ، ئىختىساسلىقلار ئاندىن يىلتىز تارتىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ مول تەبىئىي بايلىقى ۋە ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى ئاندىن تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ئىقتىسادتا ئاندىن سىجىل، ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جەزمەن تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا ئاپتوموبىللار، ساياھەتچىلەر كۆپىيىشتىن چېگرا پورتلىرىدا سودىگەرلەر كۆپىيىشكىچە، ئاندىن شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغىچە بولغان تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا تىنچ- ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۈكسەك جاسارەت، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىتتىپاقلىشىپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا، ھەم سەل قاراشقا بولمايدىغان خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جەزمەن مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش؛ ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش كېرەك.

 دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت مۇقىملىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125