پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرايلى ۋە ئۇنى كۈچەيتەيلى
10:44:15 2024-09-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

پارتىيە رەھبەرلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى»دە، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەخسۇس بىر بۆلەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ۋە سىياسىي كاپالىتى قىلىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىش نامايان قىلىندى.

پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش، پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇھىم مەزمۇن قىلىندى، بولۇپمۇ «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاش» «يەتتىنى نىشانلاش»نىڭ بىرى قىلىندى. «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپى ئىچىدە، باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» بولدى. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاندىلا، بىز ئاندىن ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلىيەلەيمىز، ئاندىن بىر تاختا شاھمات شەكىللەندۈرۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھاتتا مەيداندىن تەۋرەنمەسلىك، يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىلمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى كۈچەيتىشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئىسلاھات پەقەت داۋاملىشىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ. ھازىر، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالماقتا. بىراق شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا دۇچ كەلگەن بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە نۇرغۇن توسۇق نۇقتا، بوغما ھالەت بار، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە قەيسەر ئىرادە- پەزىلەت بىلەن جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىشكە توغرا كېلىدۇ، كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتقا پايدىلىق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى ۋە سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭدا ئىسلاھاتنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. توغرا بولغان ئىسلاھات ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

تاغنىڭ ھەيۋەتلىك بولۇشى تاغ گەۋدىسىگە باغلىق، ئۆينىڭ مۇستەھكەم بولۇشى لىمغا باغلىق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدىرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125