ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، 3- كۈنى شىنجاڭدىكى قىسمەن يولۇچىلار پويىزلىرى قاتناشتىن توختىدى ۋە توختايدۇ.
ئۈرۈمچى ۋوگزالى، قەشقەر پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى، كۈيتۈن پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى ۋېيبوسىدا ئېلان قىلىنغان سەپەرگە چىقىش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆنىلىشىگە ماڭغان K6722- قېتىملىق، K9786- قېتىملىق، 5816- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى؛ قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىدىغان، قەشقەر ۋوگزالىدا توختاپ ئۆتىدىغان T270- قېتىملىق، K454- قېتىملىق، K6724- قېتىملىق، K9785- قېتىملىق، K6728- قېتىملىق، T4358- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى؛ خوتەن ۋوگزالىدىن يولغا چىقىدىغان 5818- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختايدىكەن.
9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان K6726- قېتىملىق، T9526- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى؛ قاراماي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىدىغان T4364- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختايدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)