− پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش
2024- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.
كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، ئىستىلنى چېنىقتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈش، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتكەندە، ئىنقىلاب جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ. ئىنتىزامنى چىڭىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئاتلىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
«ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسى ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، چىڭىتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەرتىلدى.» 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
2024- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل.
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشىغا، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى بىلىپ، قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلمىغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
«يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە بىر قېتىملىق مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك».
2024- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، پاك بولۇش ئىستىلى، ئاددىي- ساددا بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.
يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى خىزمىتى لايىھەسىنى ئۆزى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى −
3- ئايدا خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا ھوقۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك»؛
4- ئايدا چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى: «پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام، قائىدىنى ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك»؛
5- ئايدا شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىش بولۇش، ھەر دائىم ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە كۈندىلىك ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك»؛
6- ئايدا چىڭخەي، نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە «ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۆگىنىش، ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش» «چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، نەتىجە ھاسىل قىلىش»نى ئېنىق تەلەپ قىلدى؛
...
باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولدى، دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە نىشان- تەلەپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئېلىپ باردى، كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.
2024- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىكى پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەلبىگە پۈكمەسلىك، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى نىزامنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.
4- ئاينىڭ 3- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى بىرلىكتە مەركەز قاتلىمى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلدى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى. ساھە، سىستېمىلاردىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا(پارتىيە كومىتېت)لىرى ئۆز ساھەسى، ئۆز سىستېمىسىغا بولغان يېتەكچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرى ئۆز قارىمىقىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارىتا تولۇق قاپلاشنى، پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتى.
...
2024- يىلى 7- ئايدا، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمى ئورنىتىش» «پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنىڭ چەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛ قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.
كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى داۋامىدا، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، ئىستىلنى تاۋلاپ، قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇردى.
مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش
«توغرا- خاتالىققا ھۆكۈم قىلىشتا جەزمەن ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك؛ قىلىش- قىلماسلىقنى بېكىتىشتە جەزمەن قائىدىگە تايىنىش كېرەك».
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىزامنى ئەينەن ئۆگىنىش، ئىبرەت تەربىيەسى، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ تەربىيەلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
دىققەت ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نىزامنى ئەينەن ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىنىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى −
باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش- ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كونسۇلتاتسىيە قىلىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈش، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىش... 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.
كىتاب ئوقۇش كۇرسى مەزگىلىدە، كۇرسانتلار زېھنىنى يىغىپ، نىزامنى بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئۆگىنىپ، تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ، نىزام مەزمۇنىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قۇرۇلتىيى، 2- قۇرۇلتىيى، 4- قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلەشنى يولغا قويدى، 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر دەرس ئاڭلىدى. نىڭشيا «بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش» قاتارلىق شەكىللەرنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، دەرس سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، دەرس سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.
نىزامنى ئۆگىنىش بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش بىرلەشتۈرۈلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى «1- قارالما» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم بايانلارنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى نەزەرىيە مەنبەسىدىن كۈچەيتتى؛ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى «بېيجىڭغا قاراشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش كېرەك» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم بايانلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈردى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مۇھىم بايانلارنى كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتنى باشتىن- ئاخىرغىچە ياخشى تۇتۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى مۇھىم بايانلارنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇشتا چىڭ تۇردى.
ئەينەن ئۆگىنىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي- قانۇن كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قاتارلىقلار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نىزامنى بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئېنىق، ئەتراپلىق، جايىدا ئۆگەندى.
دائىملىق ئۆگىنىش كۈچەيتىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، جىلىن، جياڭشى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، نىزامنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈندە ئۆگىنىش، دائىملىق ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى.
يېشىپ چۈشەندۈرۈپ تەربىيەلەش كۈچەيتىلدى. مەركەز قاتلىمىدا نىزامنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە دائىر بىر قاتار ماقالە، كونسۇلتاتسىيە دەرسى ۋە يېشىپ چۈشەندۈرۈش مىكرو سىنى ئېلان قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نىزامنىڭ جەۋھىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، چوڭقۇر چۈشىنىشى، دەل جايىدا تەتبىقلىشىغا ياردەم بېرىلدى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ بارلىق ئاساسلىق كۇرسلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى ھەرقايسى ئاساسلىق كۇرسلارغا نىزامغا دائىر كونسۇلتاتسىيە دەرسى ياكى ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇردى.
شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىلدى. شىنجاڭ كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ۋە كەنت(مەھەللە)تە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى، خۇنەن كۈچ تەشكىللەپ كوللېكتىپ دەرس تەييارلاپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈش دەرسلىكىنى پارتىيە مەكتىپى، ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى، لياۋنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئىنتىزام لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، سەنشى تەربىيەلىگۈچى «ئوقۇتقۇچىلار ئامبىرى»نى تەشكىللەپ قۇردى، شەندۇڭ لېكسىيە سۆزلەش ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى، شىزاڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنى مۇنبەرگە چىقىپ لېكسىيە سۆزلەشكە، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تەشكىللىدى.
...
ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار نىزامنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى چۆرىدەپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە بەلگىلىمە تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئۆگىنىش، ئۆگىنىش سۈپەتلىك بولۇش، ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
ئىبرەت تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا يېتەكلەندى −
«ھازىر سوت ئېچىلىدۇ، ھەممىڭلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!»
ئالدىنقى مەزگىلدە، شەنشىنىڭ شىئەن شەھىرى ليەنخۇ رايونى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى دەرسخانىسىنى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش نەق مەيدانىغا كۆچۈرۈپ كىردى، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق بىر دېلونىڭ سوت قىلىنىشىنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.
ئىككى سائەتكە يېقىن سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش جەريانى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نامايان بولدى، سىرتتىن ئاڭلىغان بىر كادىر چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ مۇنداق دېدى: « <نۆل ئارىلىق> تەربىيەسى بىزگە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى».
ئالدىنقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىش، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، بىر دائىرىگە ئىبرەت قىلىش، بىر رايوننى تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.
ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بويىچە تىپىك دېلو مىسالىدىن 50ى مەركەز قاتلىمىدىن ئېلان قىلىندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۇنى ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ مۇھىم بايلىقى قىلىپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتتى؛
چۇڭچىڭ «تۈرمىدىكى سەككىز ماددا» قاتارلىق قىزىل بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلاندى، فۇجيەن ئۆز جايىنىڭ پاكلىق مەدەنىيىتى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى؛
جياڭسۇ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلار ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ ئىبرەت خاتىرىسى، خاتالىقىنى تونۇش خاتىرىسى قاتارلىق بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئاگاھلاندۇردى. خۇبېي ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى ئىشلەپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى؛ ئىچكى موڭغۇل نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىق ھالدا ئالتە ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى سۈرەتكە ئالدى؛
مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ خاتالىقىنى تونۇش سىن فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛
جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا گۇرۇھى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقا، نۇقتىلىق ئىش ئورنى، نۇقتىلىق خادىملارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش- تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخ ھالىتىدە ئالدىنى ئېلىپ ۋە يوقىتىپ، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى؛
……
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تىپىك دېلو مىساللىرىنى «جانلىق دەرسلىك» قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سۆزلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى −
يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، خەتەردىن قۇتقۇزۇپ توسمىنى مۇستەھكەملەش، ئاممىنى يۆتكەش... كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي پەيتىدە، ئەنخۇينىڭ ئەنچىڭ جياڭجېن بازىرىدىكى 140 تىن ئارتۇق بازار- كەنت كادىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەر ۋاقىت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئۈنۈمىنى پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ ھەرىكىتىدە نامايان قىلدى.
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە تەدبىر قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقتى، پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى توپلاشما توك يولى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرمىنى كۈچەيتتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى...
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «ئەمەلىي» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئىشلەش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھېس قىلدۇردى.
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش
ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى.
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچلۈك كۈچەيتىپ، ئۆز- ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتىكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.
پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى ئۆگىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى −
ھەربىر تارىخىي سۈرەت، ھەربىر ھۆججەت، ئەمەلىي بۇيۇم... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ كۆرگەزمىخانىسى ئۆگىنىش نىزامىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كۆرگەزمە مەزمۇنىنى مەخسۇس رەتلەپ چىقىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى بىر قېتىملىق ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەنى باشتىن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي سادىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.
ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئارقىلىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىنتىزام تەربىيەسىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇداپىئە سېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى −
يېقىندا، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىر تۈركۈم يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن، يېڭىدىن مۇھىم ئىش ئورنىغا يۆتكەلگەن، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خادىملار قاتارلىقلارغا قارىتا ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى «جانلىق دەرسلىك» قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلىدى.
«ياش كادىرلار ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياشتا تۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم ئىنتىزام تەلىپىنى قەلبىگە پۈكۈش، كاللىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.» «80- يىللاردا تۇغۇلغان» بىر كادىر ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.
ئۆگىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ئىبرەت قىلىش- چۆچۈتۈش، چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى شۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
جېجياڭ ئۆلكىسى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا «بىر قېتىم پاكلىق سۆھبىتى قوبۇل قىلىش، بىر پارچە پاكلىق ۋەدىنامىسى ئىمزالاش، بىر قېتىم پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىگە قاتنىشىش، بىر پارچە پاكلىق سالام خېتى يېزىش»تىن ئىبارەت قائىدە تۇرغۇزۇش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش «تۆت بىر» ئۇسۇلىنى يولغا قويدى، ئىنتىزام قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاشقا تۈرتكە بولدى.
بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى سىياسىي ھېسابات، ئىقتىسادىي ھېسابات، نام- ئاتاق ھېساباتى، ئائىلە ھېساباتى، قېرىنداشلىق مېھرى ھېساباتى، ئەركىنلىك ھېساباتى، ساغلاملىق ھېساباتىنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلەپ، «مېنى تەكشۈرمەيدۇ» دەيدىغان تەلەي سىناش، «ئىلمان سۇدا پاقا پىشۇرۇش»تەك بىخۇدلۇق، «مېنىڭ دېگىنىملا ھېساب» دەيدىغان ئۆز بېشىمچىلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى −
يىللىق ئۇنىۋېرسال باھالاش كۆرسەتكۈچىدىكى باھالاش مەزمۇنى %39 ئىخچاملاندى، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش ئىش تۈرىدىن تۆتى ئىخچاملاندى... خېبېي تۈرلۈك مىقدارلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە زېھنىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىشقا يېتەكلىدى.
يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرى تىزىملىكىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىشلىرى مەسئۇلىيەت ئىجازىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى... ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. خېنەن كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىكى «قالايمىقان ۋىۋىسكا ئېسىش» ئەھۋالىدىن 187 مىڭنى تەرتىپكە سالدى، يۈننەن دىققەتنى تىجارەت- سودا مۇھىتى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى.
ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش داۋاملاشتۇرۇلدى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ روھى ئۇرغۇتۇلدى.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بىلەن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىكى كونا مەسىلىلەر ۋە يېڭى ئىپادىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.
خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى، سىچۇەن چېڭدۇ- چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، گۇاڭشى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى... ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان ئاڭلىقلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.
پارتىيە ئىنتىزامىنى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ھېسابلىنىدۇ. جەزمەن ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىشلەشتە نەتىجە ھاسىل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جەزمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.
ئىنتىزام قاتتىق بولسا پاك، دۇرۇس بولغىلى بولىدۇ، پاك، دۇرۇس بولسا مەقسەت بىردەك بولىدۇ، مەقسەت بىردەك بولسا ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، پارتىيەمىز مۇقەررەر ھالدا يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)