ئىران سابىق زۇڭتۇڭ لەيشى ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
15:14:53 2024-09-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لەيشى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرى

 شۇ يەر ۋاقتى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىران قوراللىق قىسىملار باش ئىشتابى ئەڭ ئالىي مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى ۋاپات بولغان زۇڭتۇڭ لەيشى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

 كومىتېت چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تېخنىكا، قۇرۇلۇش، ئېلېكتىرون ۋە يول باشلاش ئەھۋالىنى كەسپىي جەھەتتىن تەكشۈردى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ دوكلاتىغا تەپسىلىي قاراپ چىقتى، نەتىجىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇپ، مەسىلە بايقالمىدى؛ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تەبرىزدە بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشى ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن. تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇش لىنىيەسىدىن چەتنەپ كەتمەي، بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە ئۇچقان؛ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ سىستېمىسى ۋە زاپچاسلىرىدا ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلە بايقالمىدى؛ مېتىېئورولوگىيە تارماقلىرى بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن بەرگەن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىكى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنىڭ ئاۋاز خاتىرىلەش سىستېمىسى قاتارلىقلاردا تىك ئۇچار ئايروپىلاندا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكى خاتىرىلەنمىگەن؛ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتىنى قانۇن دوختۇرى تەكشۈرگەندە گۇمانلىق ئامىللار بايقالمىغان؛ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرى ۋە سىستېمىسىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئالامەتلىرى بايقالمىغان؛ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قارىغا ئېلىنغانلىق ياكى ئېلېكتىرون ئۇرۇشى يۈز بەرگەنلىك قاتارلىق ئەھۋاللار ساقىت قىلىندى.

 يۇقىرىقى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كومىتېت تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، «بۇ رايوننىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى مۇرەككەپ كىلىمات شارائىتى»، ھەمدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان «قويۇق تۇمان» سەۋەبىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلان تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن، دەپ قارىغان.

 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، شۇ چاغدىكى ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىران چېگراسى ئىچىدە مەجبۇرىي قونۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، لەيشى بىلەن شۇ چاغدىكى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاخىيان قاتارلىق بىرقانچە ئەمەلدارنىڭ بۇ ۋەقەدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى ئېنىقلاندى.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125