9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ خاشيۇڭگوۋ مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتى ئالىدۇ: ھەر بىر ئادەمگە 25 يۈەن
16:43:09 2024-09-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ ئۈرۈمچى تىيانشان دۆلەت ئورمان باغچىسى خاشيۇڭگوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ ھەق ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

 كەڭ ساياھەتچىلەر: مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، تىيانشان دۆلەت ئورمان باغچىسى خاشيۇڭگۇ مەنزىرە رايونى 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ قېلىپلاشقان باشقۇرۇش تىجارىتىنى باشلايدۇ. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

 بىرىنچى، ئىشىك بېلىتى باھاسى

 مەنزىرە رايونىدا بىر بېلەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى ھەر بىر ئادەمگە 25 يۈەن (ئۈرۈمچى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خەت- ئالاقىسى [2012] 145- نومۇرلۇق) بولىدۇ.

 ئىككىنچى، ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش دائىرىسى (شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بەلگىلىمىسى [2021] 19- نومۇرلۇق)

  بېلەت كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى:

 (1) ئالتە ياشتىن تۆۋەن (ئالتە ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر (1.3 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بالىلار؛

 (2) 65 ياش (65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى ياشانغانلار؛ 

 (3) 2- ئەۋلاد مېيىپلىق كىنىشكىسى بار 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مېيىپلەر؛

 (4) ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى، ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى (خىزمەتتىكى، پېنسىيەگە چىققان، مېيىپ ۋە ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خىزمەتتىكى خەلق ساقچىلىرى.

 يېرىم بېلەت دائىرىسى:

 (1) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى؛

 (2) ئالتە تۈردىكى مېيىپ 4- دەرىجىلىك مېيىپلەر؛

 (3) ئالتە ياشتىن يۇقىرى ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن يۇقىرى بالىلار ۋە 18 ياش (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى داشۆنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار.

 ئۈچىنچى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى

 ھەر كۈنى سائەت 08:00- 23:00كىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)

 مەنزىرە رايونى مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 6622490- 0991

 مىدۇڭ رايونى مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفونى: 3300040- 0991

 ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى: 12315

شىنجاڭ ياخشى جاي مەدەنىيەت- ساياھەت پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

2024- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125