يازلىق يولۇچى توشۇش ئاخىرلاشتى! پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 10 مىليارد 900 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
16:35:20 2024-09-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

8- ئاينىڭ 31- كۈنى، 62 كۈنلۈك يازلىق يولۇچى توشۇش ئاياغلاشتى. مۇخبىرنىڭ قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى جەمئىي 10 مىليارد 917 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 176 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشقان.

توشۇش ئۇسۇلى بويىچە قارىغاندا، تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش مىقدارى جەمئىي 887 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 مىليون 310 مىڭ ئادەم قېتىم توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان. تاشيولدا يولۇچىلارنىڭ  يۆتكىلىش مىقدارى 9 مىليارد 819 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 158 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.77 ئاشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تاشيولدا سەپەرگە چىقىشتا مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن: بىرىنچىسى، ئۆلكە ئاتلاپ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى ئاشقان. 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يول تورى مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنىڭ ئاپتوموبىل كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 36 مىليوندىن ئاشقان، %60تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئېقىمى ئۆلكە ئاتلىغان. ئىككىنچىسى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىدىغانلار كۆپەيگەن، تاشيولدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىدىغانلار %80كە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن سەل ئاشقان. ئۈچىنچىسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار داۋاملىق كۆپەيگەن، بېيجىڭ، خاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەر مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

بۇنىڭدىن باشقا، سۇ يولىدا توشۇلغان يولۇچى 63 مىليون 842 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 30 مىڭ ئادەم توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.04 ئاشقان، شەھەر ساياھىتى، ئارال ساياھىتى قاتارلىقلار ئاساسلىق سۇ ئۈستىدە سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىغا ئايلانغان. خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 141 مىليون 890 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 289 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.21 ئاشقان.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125