ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى قېتىملىق كىملىكنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشتا «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغاندىن كېيىن، بېجىرىش ۋاقتى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سۈرئەت تېزلىتىلىپ 15 خىزمەت كۈنى قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم 8- ئاينىڭ 28- كۈنى يېڭىدىن يولغا قويۇلغان كىملىك كەسپىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.
ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاممىغا كىملىك كەسپىنى 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق بېجىرىپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 50 تۈرلۈك تەدبىرى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تەۋەلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، گۇڭئەننىڭ مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس كەسپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە «ئالاقە تورى + نوپۇس مۇلازىمىتى»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۆيلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى ئاممىغا «شىنجاڭ گۇڭئەن Appسى»، «شىنجاڭ گۇڭئەن مىكرو ساقچى ئىشلىرى» قاتارلىق تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان نوپۇس مۇلازىمىتىدىن ھەقىقىي تۈردە بەھرىمەن قىلدۇرغان.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي يۆرۇڭ خەۋىرى)