ھازىر ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان يولۇچىلار كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان ياتاقنىڭ ئۆگزىسى ئومۇميۈزلۈك يېپىلدى. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئايروپورت يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىك كېچىنى ئۆتكۈزۈش ھەم ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن سېلىنغان يولۇچىلار كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان ياتاق قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ شەرق تەرىپىگە، ئايروپورت قاتناش مەركىزىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقانلىقىنى كۆردى.
بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 57 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئايروپورت قاتناش مەركىزى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان يەككە قۇرۇلۇش − پۈتۈن مۇلازىمەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياتاق بىناسى بولۇپ، تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا باراۋەر كېلىدۇ، جەمئىي 378 ئېغىز ياتاق بار، ئاساسلىق ئىقتىدارى ئاشخانا، يىغىن رايونى ۋە ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئىش بېجىرىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاللانما مۇلازىمەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياتاق بىناسىدا 244 ئېغىز ياتاق بار، ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا باراۋەر كېلىدۇ.
622 ياتاقلىق بۇ قۇرۇلۇش ئايروپورتقا كىرىدىغان- چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ ۋاقىتلىق كېچىنى ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرالايدۇ. تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ بەش قەۋىتى قاتناش مەركىزى ۋە ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بىلەن تۇتىشىدۇ، يولۇچىلار قاتناش مەركىزىدىكى بىنا ئىچى يولى ئارقىلىق T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە مېھمانسارايغا ئاسانلا كىرىپ چىقالايدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئاۋىياتسىيە بىناسىدىن پىيادە بىر نەچچە مىنۇت مېڭىپلا مېھمانخانىغا يېتىپ بارالايدۇ.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ «13- بەش يىل»، «14- بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، 2-، 3- ئۇچۇش- قونۇش يولىنى ياساش، يېڭىدىن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى، بېكەت سۇپىسى قۇرۇش ھەمدە يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش پىلانلانغانىدى.
ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن سېلىنغان يولۇچىلار كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان ياتاق بىناسىنىڭ ئۈنۈم سۈرىتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى)