[دېلو ئەھۋالى]
سۇلايمان (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن بىلال (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) شىرەم تۇغقان بولۇپ، سۇلايمان 2023- يىلى 3- ئايدا بىلالدىن 20 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى بىر يىل قىلىپ پۈتۈشكەن ھەم بىلالغا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. ئويلىمىغان يەردىن 2024- يىلى 4- ئايدا سۇلايمان كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. بىلال قەرز ھۆججىتىنى ئېلىپ سۇلايماننىڭ خوتۇنىدىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا رەت قىلىنغان. بىلال ئامالسىزلىقتىن مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، سۇلايماننىڭ خوتۇنىدىن بۇ قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
[قانۇن ماددىسى]
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1064- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەر- خوتۇن بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ياكى ئەر- خوتۇننىڭ بىرى ئىشتىن كېيىن ئورتاق مەقسەت ئىپادىسىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۈستىگە ئالغان قەرز، شۇنداقلا ئەر ياكى خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى نامىدا ئالغان قەرز ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلىنىدۇ.
1159- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مىراس بۆلگەندە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى ئۈزۈش كېرەك، لېكىن ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ھەمدە تىرىكچىلىك مەنبەسى يوق ۋارىسلارغا زۆرۈر مىراس قالدۇرۇش لازىم.
1161- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ۋارىسلار ئېرىشكەن مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتى دائىرىسىدە ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەيدۇ. مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ۋارىس تۆلەشنى ئىختىيار قىلسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
ۋارىس ۋارىسلىقتىن ۋاز كەچسە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
[قاراش]
«ئېرىم ھايات ۋاقتىدا ماڭا قەرز ئالغان ئىشنى دېمىگەن، قەرزنى مەن قايتۇرماسلىقىم كېرەك». سوتتا سۇلايماننىڭ خوتۇنى ئۆزىنى ئاقلاپ، مەن قەرز ئالغان ئىشتىن خەۋەرسىز، بۇ قەرز پۇل ئائىلە چىقىمىغا ئىشلىتىلمىگەن، ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلانمايدۇ، قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى.
بۇ دېلوغا مەسئۇل بولغان مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۇلايماننىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇ قەرز پۇلنى ئىشلىتىپ مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتىلاتقانلىقىنى، ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ قەرز پۇلنىڭ تۆلەم پۇلىنى سۇلايماننىڭ خوتۇنى ئالغانلىقىنى ھەم تۇرمۇش چىقىمىغا ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىدى.
پاكىت ئالدىدا سۇلايماننىڭ خوتۇنى قەرز ھۆججىتىدىكى ئېرىنىڭ ئىمزاسىنى ئېتىراپ قىلغان. سوتچىنىڭ قانۇننى چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، سۇلايماننىڭ خوتۇنىمۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆلەم پۇلىنى ئالغاندا، سۇلايماننىڭ قەرزىنى ۋارىسلىق قىلغان مىراس دائىرىسىدە تۆلەش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، بىلال سۇلايماننىڭ خوتۇنىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئائىلىنىڭ ئەسلىدە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆسۈم تۆلەش تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت 20 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنىلا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، سۇلايماننىڭ خوتۇنىمۇ قەرزنى تېزدىن قايتۇرۇشقا قوشۇلغان.
ئارزۇگۈل مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: شەخسلەر ئارىسىدىكى قەرز ئېلىش ھەرىكىتىدە، قەرز بەرگۈچى مۇناسىپ دەلىل- ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، ھەم ئىمكانقەدەر پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەرز پۇلنى تۆلىشى، ھەم قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرمىغاندا تولۇق دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. «قەرز بەرگۈچى قەرز پۇل مۇددىتى ئىچىدە قەرز پۇلنى قايتۇرۇشنى ۋاقتىدا سۈيلىشى، دەۋا ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كېتىپ، دەۋادا ئۇتۇش ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ياكى قەرز بەرگۈچى ئۆلۈپ كېتىپ، ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماسلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك»، دېدى ئارزۇگۈل.
(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن رەتلىگەن)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)