8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇمقاناس كەنتىدە سەيلە قىلدى.
قۇمقاناس كەنتى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى، قاناس كۆلىنىڭ شەرقىدىكى بىر قەدىمىي كەنت. گەرچە بىر كەنت بولسىمۇ، كۆلىمى ئۈچ مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
قۇمقاناس دەرياسى كەنتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، بىر تەرىپىدە كىچىك ياغاچ ئۆيلەر، يەنە بىر تەرىپىدە ئاق قېيىن ئورمىنى بار. قۇمقاناس كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ، بىر- بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان كىچىك ياغاچ ئۆيلەرگە، بۈك- باراقسان ئاق قېيىن ئورمىنىغا قارىسىڭىز، خىياللىرىڭىز ئەركىن قانات قاقىدۇ. كەچقۇرۇن، نۇرغۇن ساياھەتچى كىچىك ياغاچ ئۆلەريدە قونۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرىدىن ئالدىرىماي ھۇزۇرلىنىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن ھازىرغا قەدەر، قۇمقاناس كەنتىگە كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، كۈنىگە 10 مىڭ ئادەم قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلدى، توردا ئالدىن كېلىشىش ۋە قۇمقاناس تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىنىڭ زاكاز تالونىدىن قارىغاندا، كېيىنكى مەزگىلدە ساياھەتچى يەنە كۆپىيىدۇ.
مۇخبىر: يىن تۇڭيۈەن، سۇ شۈەنمىڭ
نازارەتچى: شۆ جىڭ، ۋاڭ چىمىڭ
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)