«كالتسىي» تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن دوست كالتسىي تولۇقلىغاندا سۆڭەك تېخىمۇ قاتتىق، چىش تېخىمۇ چىڭ بولىدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن بىر قىسىم كىشىلەر كالتسىي تولۇقلاش بىلەن تاش چۈشۈشنى باغلىۋالىدۇ. كىلىنىكىدا نۇرغۇن ئاغرىق بۆرەككە تاش چۈشۈش «كالتسىي» كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى بۆرەككە تاش چۈشسە دۇفۇ يېيىشكە، سۈت ئىچىشكە، كالتسىي تولۇقلاشقا بولمامدۇ، دەپ سورىشىدۇ.
ئۇنداقتا، كالتسىي تولۇقلاش راستتىنلا بۆرەككە تاش چۈشۈرەمدۇ ياكى ئۇنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟ بۈگۈن بىز بۆرەككە تاش چۈشۈش ۋە كالتسىي توغرىسىدىكى پىتنە- ئىغۋالارنى كۆرۈپ باقايلى.
بىرىنچى پىتنە- ئىغۋا: ياشانغانلار كالتسىي تولۇقلىسا، بۆرىكىگە تاش چۈشىدۇ
تەھلىل: بۇ قاراش توغرا ئەمەس. بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ شەكىللىنىشى مۇنداق بولىدۇ: بىز مەززىلىك تائاملارنى يېگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلاردىن سىرت، يەنە ئوكسالات، سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرى دېگەندەك ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار قانغا كىرگەندىن كېيىن بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلگەندە، بۆرەك ئۇلارنى خۇددى ئەخلەت تاشلىغاندەك سۈيدۈككە تاشلايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، بۇ نەرسىلەر سۈيدۈككە ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
لېكىن بىز سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالساق ياكى داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا خىزمەت قىلساق، سۈيدۈك قويۇقلىشىپ، سۈيدۈك ئازلاپ كېتىدۇ، بەدەندىكى بۇنداق ماددىلارنىڭ سۈيدۈكتە تۇرۇش ۋاقتى يېتەرلىك ئۇزۇن بولسا، بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئاخىرىدا تەدرىجىي تاشقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئاددىيلا ياشانغانلار نورمال كالتسىي تولۇقلىسا بۆرىكىگە تاش چۈشىدۇ، ياشلار كالتسىي تولۇقلىغاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېيىشكە بولمايدۇ.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)