ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولىنىڭ بېيجىڭ يولىدىن ساي يولىغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى
17:41:58 2024-09-02 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇراشتۇرما كۆۋرۈك، ئۇ ئون غول يول ۋە 2- دەرىجىلىك غول يول بىلەن تۇتىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەرقىي قەشقەر يولى، شەھەر شىمالى چوڭ يولى قاتارلىق يوللارنىڭ قاتناش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ

شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇراشتۇرما كۆۋرۈك ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولىدا (بېيجىڭ يولىدىن ساي يولىغىچە بولغان بۆلەك) 8- ئاينىڭ 30- كۈنى قاتناش باشلاندى، كۆتۈرمە يولدا قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار. سۈرەتتە: يولدىن كۆرۈنۈش.

8- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 18:30 ئاپتوموبىللار يېڭىدىن قاتناش باشلانغان ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى (بېيجىڭ يولىدىن ساي يولىغىچە بولغان بۆلەك)دا تەرتىپلىك قاتنىماقتا.( «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

 شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇراشتۇرما كۆۋرۈك − ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى (بېيجىڭ يولىدىن ساي يولىغىچە بولغان بۆلەك)نىڭ كۆۋرۈك ئۈستى ۋە يەر يۈزى يولىدا 8- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 18:30دا رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن كۆۋرۈك ئۈستى ۋە يەر يۈزى يولىنى بېيجىڭ يولى، چاڭچۇن يولى، شەرقىي ۋوگزال يولى، دۇڭسەي يولى قاتارلىق ئون غول يول ۋە 2- دەرىجىلىك غول يولغا تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى.

 شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى بىلەن بېيجىڭ يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا مۇخبىر كۆتۈرمە يولنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى ئىكەنلىكىنى، يول بەلگە سىزىقى ۋە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يول بەلگە تاختىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆردى.

 ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى قۇرۇلۇشىنىڭ غەربى ئۈرۈمچى ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاۋىياتسىيە بىناسى كۆتۈرمە يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8.7 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتە ئەنەنچۈ يولى، بېيجىڭ يولى، چاڭچۇن يولى، خۇجوۋ يولى، شەرقىي ۋوگزال يولى، خۇەييۈەن يولى ئارقىلىق ساي يولىغا تۇتىشىدۇ. ئەنەنچۈ ۋە ساي يولى تۈگۈنلىرىدە ئۆتۈشمە يول تەسىس قىلىنغان، بېيجىڭ يولى، چاڭچۇن يولى، شەرقىي ۋوگزال يولى تۈگۈنلىرىدە پاراللېل شەكىللىك باغلىما يول تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساي يولى ۋە يول بويىدىكى ئاساسلىق يوللارغا چىققىلى بولىدۇ. بۇ قېتىم ئالدىن پۈتكەن ھەم قاتناشقا رۇخسەت قىلىنغان كۆتۈرمە يول ۋە يەر يۈزىدىكى يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.2 كىلومېتىر بولۇپ، سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى 80 كىلومېتىر ۋە 60 كىلومېتىر.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ۋاڭ يۈن مۇنداق دېدى: «ئۆيۈم بەييۈەن يولى يېڭى كەنتىدە، ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭ يولى ئارقىلىق يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئايلىنىپ مېڭىشىمغا توغرا كېلەتتى، بۇ يولدا مېڭىۋېدىم، نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ كەلدىم».

 ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ساي يولى ئارقىلىق رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي قەشقەر يولى، شەھەر شىمالى چوڭ يولى قاتارلىق يوللارنىڭ قاتناش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ شۆيۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇراشتۇرما كۆۋرۈك بولغان ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى كۆۋرۈك تېخنىكىسى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپلا قالماي، ئىقتىدار جەھەتتە شەھەر قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، رايون قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىپ، رايون ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروتى، ئادەم ئېقىمى ۋە ئۇچۇر ئېقىمى ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بېيجىڭ يولىنىڭ غەربىدىن ئەنەنچۈ ئۆتۈشمە يولىغىچە بولغان 1.5 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ كۆتۈرمە يولى ۋە يەر يۈزى يولى قىسمى قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئاۋىياتسىيە بىناسى بىلەن ماس قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. شۇ چاغدا ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال رايونى، شىمالىي رايونى ۋە شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى بىلەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزىدىكى ئاساسلىق يىغىش- تارقىتىش يولىغا ئايلىنىپ، ئايروپورت رايونىدا شەرق- غەرب يۆنىلىشىدە قولاي يول يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125