ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن كۆرۈشتى
20:54:25 2024-09-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 2024- يىللىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما 9- ئاينىڭ 1- كۈنى ئالايىتەن شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خىچىلېما بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو − زامبىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلەشتى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن زامبىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر، دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ جانابلىرى بىلەن شىنجاڭدا كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان جۇڭگو − زامبىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو − زامبىيە مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىي قىلدى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ ھەم شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى دەرىجە - قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىمىز.

 خىچىلېما جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامبىيە − جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. زامبىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ نۇرغۇن ساھەدە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ زامبىيەگە مەبلەغ سېلىشقا پائال قاتنىشىشى ۋە ئۇنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ پورت قۇرۇلۇشى ۋە ئوچۇق تەرەققىيات، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، زامبىيە شىنجاڭ بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 زامبىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇلەمبو خەيمبې، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى رۇبېن فىرى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ماكوزو چىكوت ۋە ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، جۇڭگونىڭ زامبىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125