دۆلىتىمىزدىكى تۆت قۇرۇلۇش دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسىغا يېڭىدىن قوشۇلدى، تۇرپان كارىزلىرى تاللاندى
17:55:43 2024-09-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بېيجىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېيدا ئېچىلغان خەلقئارا سۇغىرىش- سۇ چىقىرىش كومىتېتىنىڭ 75- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كېڭىشىدە، 2024- يىللىق (11- تۈركۈمدىكى) دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ تۇرپان كارىزلىرى، خۇيجوۋ توسمىسى - ۋۇيۈەن تاش توسمىسى (بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىندى)، شەنشى خەنيىن فېڭيەننىڭ پەلەمپەي ئېتىزى، چۇڭچىڭ شيۇشەن جۈفېڭ دامبىسى قاتارلىق تۆت قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىزىملىككە كىردى.

 ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان «تىرىك مەدەنىيەت مىراسى» بولغان كارىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەر ئاستى سۇچىلىق سۇغىرىش سىستېمىسى بولۇپ، «يەر ئاستى سۇ سەددىچىن سېپىلى» دېگەن نامى بار.

 ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىدە 1108 كارىز بار، تەشمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 114 مىليون كۇب مېتىر.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125