سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىشنى قوللىدى
ئىختىيارىي مۇخبىر ئىزقىران زۇلپىقار سىزغان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبەلەن ۋاڭ داسېن) ئائىلە ئىللىق قولتۇق، لېكىن شياۋخۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېرى شياۋلياڭنىڭ ئائىلە زۇلۇمى ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشتە بولۇشقا تېگىشلىك بەختنى ھېس قىلدۇرالمىدى.
1994- يىلى، شياۋخۇڭ بىلەن شياۋلياڭ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان. تويدىن كېيىن ئەر- خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ياخشى بولغان، لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىغان، شياۋلياڭ ئازراقلا كۆڭلىگە ياقمىسا شياۋخۇڭنى ئۇرۇپ- تىللىغان. بۇ چاغدا ئىككىيلەننىڭ بالىسى بار بولۇپ، شياۋخۇڭ بالىسى ئۈچۈن ئىزچىل چىشىنى چىشلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شياۋلياڭنىڭ ئائىلە زۇلۇمى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن.
2024- يىلى 5- ئايدا، شياۋلياڭ شياۋخۇڭنى ئۇرۇپ ئۈچ تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋەتكەن، شياۋخۇڭ تۇرمۇشىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئۈمىدسىزلەنگەن. شۇ يىلى 7- ئايدا شياۋخۇڭ غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ ئاجرىشىشنى ھەم ئورتاق مال- مۈلۈكنى قانۇن بويىچە بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىدى: شياۋخۇڭ بىلەن شياۋلياڭ تويدىن كېيىن چىقىشالماي، دائىم ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن جېدەللىشىپ قالغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شياۋلياڭ كۆپ قېتىم شياۋخۇڭغا ئائىلە زۇلۇمى سالغان، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1079- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلغاندا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك؛ ئەگەر مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلغان بولۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. شياۋخۇڭ شياۋلياڭ بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولغاچقا، سوت مەھكىمىسى قوللىغان.
8- ئاينىڭ 27- كۈنى، سوت مەھكىمىسى شياۋخۇڭ بىلەن شياۋلياڭنىڭ ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلىش ھەم ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىنى قانۇن بويىچە بۆلۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
سوتچىنىڭ قارىشى
ئائىلە زۇلۇمى ئائىلە ئىشى ۋە شەخسىي ئىش ئەمەس، بەلكى قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. ئەگەر ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا مەھەللە، ئاياللار بىرلەشمىسى، گۇڭئەن تارماقلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش خاتىرىسى، سۈرەت قاتارلىق ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش كېرەك، يەنە سوت مەھكىمىسىگە «جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى» چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)