«مەن خېلى بىر مەزگىلگىچە كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن».
ناھايىتى تۇيۇقسىزلا، ئادەيىر مەستانىلىرىگە بىر چوڭ خەۋەرنى ئېلان قىلدى، ئۇ ناخشا ساھەسىدىن مۇددەتسىز چېكىنىپ چىقىدىكەن.
8- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچتە، ئادەيىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ كېچىلىكتە ئادەيىر ئۆزىنىڭ مۇقىم سورۇنلاردىكى بارلىق ناخشا ئېيتىشىنى تاماملىغاندىن كېيىن خېلى ئۇزاق ئارام ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، «مەن راستتىنلا نومۇر ئورۇنلاشنى ياخشى كۆرىمەن، (مۇقىم سورۇندا ناخشا ئېيتىۋاتقىنىمغا) ھازىرغىچە ئۈچ يىل بولاي دېدى، بۇ مېنىڭ نومۇر ئورۇنلىغان ئەڭ ئۇزاق ۋاقتىم، شۇنداقلا كەلگۈسىدە نومۇر ئورۇنلىغان ئەڭ ئۇزاق ۋاقتىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن».
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەسلىدە گېرمانىيەدە قويۇلغان كېچىلىك ئادەيىرنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كېچىلىكى ئىدى، بىراق لاسۋىگاستىكى ناخشا كېچىلىكىنىڭ بىر قىسمى 11- ئايغا كېچىكتۈرۈلدى.
پايدىلانغان مەنبە: يەر شارى تورى مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)