ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدا يەنە بىر قىممەت مېتاللىق زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلىدۇ
17:36:50 2024-09-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا) 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان قىممەت مېتاللىق زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش ئۈلگە بازىسى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، گۆھەر، قاشتېشى كەسپى باغچە رايونىدىن كېيىنكى ئۈرۈمچىدىكى 2- قىممەت مېتاللىق زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش، سودىلىشىش باغچە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

قىممەت مېتاللىق زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش ئۈلگە بازىسى تۈرىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

 قىممەت مېتاللىق زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش ئۈلگە بازىسىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 27 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 2025- يىلى 10- ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئۇ ئۆزگىچە ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، كۆرگەزمە قىلىش- سودىلىشىش، «قەدىمكى زەرگەرچىلىك»كە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 40تىن ئارتۇق زىبۇ- زىننەت پىششىقلاش كارخانىسى بۇ يەرگە ماكانلىشىپ، 500 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125