ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر كې يۈەن) 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، تېكەس ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر سىنىپ توپى ئىچىدە، ئالدامچى سىنىپ مۇدىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ماتېرىيال ھەققى ئېلىش نامى بىلەن، ئالتە سائەت ئىچىدە سەككىز ئائىلە باشلىقىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 11لەردە، تېكەس ناھىيەلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4لەردە، بۇ ناھىيەدىكى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ۋېيشىن توپىدا تۇيۇقسىز ساختا سىنىپ مۇدىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغان بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، توپتا ئۇچۇر يوللاپ، مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇغۇچىلارغا 100 يۈەنلىك نۇقتىلىق ماتېرىيال ۋە تەقلىدىي ئىمتىھان قەغىزى زاكاز قىلغانلىقىنى، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كەسمە رەسىمنى توپقا ئەۋەتىشى لازىملىقىنى ئېيتقان.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر ئائىلە باشلىقى «سىنىپ مۇدىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئوقۇتقۇچى»غا پۇل ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا يەنە يەتتە ئائىلە باشلىقى ئاتالمىش «ماتېرىيال ھەققى»نى ئەۋەتىپ بەرگەن.
سىنىپ مۇدىرى ليۇ مۇئەللىم ئەتىگەندە ئويغىنىپ توپ ئىچىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، گۇمانلىنىپ، مەكتەپ ئىشلىرى باشقارمىسىدىن ئىسپات ئىزدىگەندىن كېيىن، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ توپتكى «سىنىپ مۇدىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئوقۇتقۇچى»غا ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
شۇ كۈنى سائەت 11لەردە، ليۇ مۇئەللىم ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ، تېكەس ناھىيەلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدىكى خەلق ساقچىلىرىدىن ياردەم سورىغان.
خەلق ساقچىلىرى دەرھال ليۇ مۇئەللىمگە توپ ئىچىدە ئۇچۇر يوللاپ، ئاتا- ئانىلارغا پۇل يۆتكىمەسلىكنى ئۇقتۇرۇشنى ئېيتقان.
نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)