ما جىنبو
شاۋقۇن- سۈرەنلىك شەھەر كوچىسىدا ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەنلىرىمدە، جىمجىت كىچىك بازارنىڭ كوچىلىرىدا سەيلە قىلغانلىرىمدا، ھەر قېتىم رەڭدار چاتما رەسىملىك مۇقاۋىلار ئېسىلغان «رەسىملىك كىتابچە» يايمىسىنى كۆرگىنىمدە، دەرھال توختاپ، بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقاتتىم. ئەسلىدە كۆرۈپلا باقماقچى بولغان بولساممۇ، ئاخىرى يايمىچى تەييارلاپ قويغان كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، «رەسىملىك كىتابچە»نى ئىجارىگە ئېلىپ كۆرۈشكە باشلايتتىم، بەزىدە ئۆيگە قايتىشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم. بۇ مەنزىرە مېنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى خۇشاللىقىم ئىدى. ئادەمنىڭ ھاياتىدا، بەزى ئىشلار خۇددى ئىس- تۈتەككە ئوخشاش كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتسىلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ بەزى ئىشلار قەلبكە مۆھۈردەك بېسىلىپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مېنىڭ «رەسىملىك كىتابچە» بىلەن بولغان بەزى ھېكايىلىرىم كۆز ئالدىمدىلا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.
ئەينى چاغدا، كىچىك چاتما رەسىملەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن ياش- ئۆسمۈر ئۇنىڭغا مەپتۇن ئىدى، بۇ كىچىك چاتما رەسىملەر ئادەتتە «رەسىملىك كىتابچە» دەپ ئاتالغانىدى. «رەسىملىك كىتابچە» مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، غەرەز ئۇققۇدەك بولغىنىمدىن تارتىپ، مەن ئىزچىل «رەسىملىك كىتابچە»دىكى بىلىم دېڭىزىدا ئۈزۈپ، ئۇنىڭدىن ئىلىم- پەن بىلىملىرى، تارىخ بىلىملىرىگە ئېرىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدىم. مەن كىچىك ۋاقتىمدا كوچىدىكى كىتاب يايمىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئىجارە ئېلىپ كۆرۈشكە قانائەت قىلمايتتىم، شىنخۇا كىتابخانىسىغا بېرىپ بىر نەچچە كىتاب سېتىۋېلىپ كېلىشنى ياخشى كۆرەتتىم. دادام مېنى بازارغا ياكى شەھەرگە ئېلىپ بارغاندا، مەن نەرسىنى باشقا ئارزۇلىمىساممۇ، پەقەت بىر نەچچە پارچە «رەسىملىك كىتابچە» سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ كۆرگۈم كېلەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆيدىكى «رەسىملىك كىتابچە» بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاپام مېنى بۇ كىتابلارنى «يۈرەك پارەم» دەپ بىلىدۇ، دەيتتى. «رەسىملىك كىتابچە» كىتاب بازىرى بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى كىتاب سېتىۋالمايدىغان بولغىنىمدىلا، ئاندىن بۇ كونا «رەسىملىك كىتابچە»لەرنى بىر ياغاچ ساندۇققا سېلىپ ساقلاپ قويدۇم.
1997- يىلى 3- ئايدا، كونا ئۆيىمىزدىن كۆچىدىغان بولۇپ قالدۇق، مەن ياغاچ ساندۇقنى ئاچقان ئاشۇ دەقىقىدە، كونا مەنزىرە كۆز ئالدىمدا قايتا پەيدا بولدى، مېھىر- مۇھەببىتىم بۇرۇنقىدەكلا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن «رەسىملىك كىتابچە»نى ئېلىپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن كۆپ قېتىم ئۆي كۆچتۈم، نەرسىلىرىمدىن ئۈزمەي ۋاز كەچتىم، پەقەت «رەسىملىك كىتابچە»نىڭ مېھرىدىن كېچەلمىدىم.
مەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، گەرچە «رەسىملىك كىتابچە»نى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان بولساممۇ، لېكىن بالىلىق چاغلىرىمدىكى «رەسىملىك كىتابچە»نى كۆرگەن تۇرمۇشۇمدىن مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم. يېزىلارغا تۇرمۇش ئۆگەنگىلى بارغاندا، مەن دائىم كەنتتىكى بالىلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى ماڭا ئوخشاش «رەسىملىك كىتابچە» ئوقۇشقا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ چاغدا، مەن فوتو ئاپپاراتنى يۈدۈپ يۈرەتتىم، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تۇتۇشنى خۇشاللىق بىلەن خالايتتىم، پات- پات زاتۋورنى بېسىپ، بالىلىقتىكى خۇشاللىقلارنى خاتىرىلەيتتىم. سۈرەتتە، ئۇلار يا ئولتۇرغان، يا ئۆرە تۇرغان، يا دۈم ياتقان، يا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان، يا ئالدىچە، يا كەينىچە، تۇرقى ھەر خىل بولۇپ، بالىلارچە قىزىقىشقا باي ئىدى.
«رەسىملىك كىتابچە»نىڭ تارىخى ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئۇ قانداقلا بولسۇن بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن، كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەن غەرەز ئۇققاندىن باشلاپ، «رەسىملىك كىتابچە» بىلەن ئۇچرىشىپ، «رەسىملىك كىتابچە»نىڭ پەلەمپىيىگە قەدەم قويۇپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن «كىتاب ئورمانلىقى»غا كىرىم كەتتىم؛ مەن «رەسىملىك كىتابچە»نىڭ «يەلكەنلىك كېمىسى»گە ئولتۇرۇپ، ئاستا- ئاستا بىلىم دېڭىزىغا كىردىم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مېنىڭ «رەسىملىك كىتابچە»گە ئامراقلىقىم توختىماي داۋاملىشىپ كەلدى، ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىدى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى شېڭپۇ كوچا باشقارمىسى لاڭخۇايۈەن مەھەللىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)