تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەر يېقىن ئارىلىقتىن خارابىلىكنىڭ 1000 يىللىق قىياپىتىنى ھېس قىلدى
9- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى − ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى ئاممىغا سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مۇزېي ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى ئېچىۋېتىشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەردىن بولۇپ قالدى.
30 G ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ شەھەر رايونىدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە كەلگىنىڭىزدە، ئەتراپتىكى يوللار ۋە مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، كۆرگەزمە زالىدا «چېگرا رايوننى مۇستەھكەم قوغداش ئىرادىسى- ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 430 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن قېزىۋېلىنغان قىسمەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان خەن، تاڭ دەۋرىگە ئائىت ھۆججەتلەر (كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) ئارقىلىق ئۆتكەن سۇلالىلەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلار سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورنىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ مۇزېي باشلىقى تۇرسۇن قىزىربېك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تاڭ دەۋرىدىن يۈەن دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن مۇھىم خارابىلىك، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كۆلىمى زور، مۇكەممەل قەدىمىي شەھەر خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى 2001- يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بولۇپ باھالانغان، تاڭ دەۋرىدىن يۈەن دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن مۇھىم خارابىلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن دەۋرلەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە مول تارىخىي ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك. قەدىمىي شەھەرنى قوغدىغانلىق بىزنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغدىغانلىق، بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئەسلىمىلەرنى داۋاملاشتۇرغانلىق. قەدىمىي شەھەرنى ئېچىۋېتىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ شانلىق تارىخنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇ شياۋفاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنى ئېچىۋېتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرگىلى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ساياھەت تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.
ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىدىن قەدىمىي شەھەرگە قاراپ ماڭغاندا، مەخسۇس سەيلە- ساياھەت ئارىلىق ئاپتوموبىلى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى قەدىمىي شەھەرنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە نەزەر سالساق، تاغ تىزمىسى ئاستىدىكى قەدىمىي شەھەر توغرىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ يىپەك يولىنىڭ ھالقىلىق ئورنىغا جايلاشقانلىقىنى ۋە يولنىڭ مۇھىم تۈگۈنىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
كېسەك قورۇلمىلىق خارابىلىكنى قوغداش ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە ئىزچىل قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى، لياڭجۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، دۇنخۇاڭ يۈمېنگۇەن خارابىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى تولۇق قوغداش ئۈچۈن، ئاخىرقى مۇساپىدە ئېكسكۇرسىيەچىلەر قەدىمىي شەھەرگە مېڭىپ بارىدۇ. قەدىمىي شەھەرگە يېقىن ئارىلىقتىن نەزەر سالغان شىنجاڭ سىفەن داشۆسى كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى كەسپىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى شىنيىڭ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆيۈم لياۋنىڭدا، مەن ئىلگىرى سەددىچىن سېپىلى، شەنخەيگۇەن قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارغا ئېھتىرام بىلدۈرگەنىدىم، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى كەڭرى كەتكەن بولۇپ، بۇ، مەن ئۇچراتقان باشقا جايلاردىكى قەدىمىي شەھەرلەرگە ئوخشىمايدىكەن».
شۇ كۈنىدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ساياھەت ساھەسىدىكى كەسپىي خىزمەتچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ لېكتورى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ساياھەت جەمئىيىتى تەتقىقات- ئۆگىنىش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇڭ لياڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاپتونوم رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت- ساياھەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ يەر شەھەر رايونىغا يېقىن بولۇش، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇشتەك نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، فۇنكسىيەلىك مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق خارابىلىكلەردىن قالسا، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشتىكى يەنە بىر مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت سورۇنىغا ئايلىنىدۇ.
ھازىر ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ھەر كۈنى سائەت 10:30دىن 20:00گىچە ئېچىۋېتىلىدۇ.
ئۇلاپ ئوقۇش
ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى كۈتۈۋالىدۇ
9- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى كۈنىدە پېنسىيەگە چىققان 68 ياشلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي خىزمەتچىسى لياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرغانىدى.
ئىلىم ساھەسىدە ئالدى بىلەن ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ لۇنتەي شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى لىن بىچېڭ ئىدى. ئۇ «تاڭ دەۋرىدىكى <لۇنتەي> ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» («شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1979- يىلى 4- سان) دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ قارىغان: تاڭ دەۋرىدىكى لۇنتەي تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىدا، يەنى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 17 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇلانباي سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىدە بولۇپ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىت، مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ يارغول قەدىمىي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى قاتارلىقلار سېن شېننىڭ لۇنتەي توغرىسىدا يازغان شېئىرىدىكى بايانلار بىلەن ماس كېلىدۇ. بۇ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ليۇ ۋېيجۈن، چېن گې، چيەن بوچۈەن، سۇ بېيخەي، شۈ بەيچېڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار بەس- بەستە ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر بىر قاتار تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى باشلىدى. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈپ دەلىللەش خىزمىتىگە ئەڭ بۇرۇن مۇھىم تۆھپە قوشقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۇ بېيخەي، سۇ بېيخەي «غەربىي يۇرت تارىخىي جۇغراپىيەسى» قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى قالدۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لۇنتەي شەھىرى تەتقىقاتىدا نەچچە ئون يىلنى بىر يىلدەك ئۆتكۈزگەن شۈ بەيچېڭمۇ بار، ئۇ سۇ بېيخەينىڭ ئىلمىي قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشنى پائال مۇراجىئەت قىلغان، ئۇنى تونۇيدىغان كىشىلەر ئۇنى «يېرىم ئۆمرىدە بىر شەھەرگە ئىشتىياق باغلىغان» دېيىشىدۇ.
بۇ يىل 8- ئايدا، شاڭخەي داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى جاڭ ئەنفۇ ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈردى، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق قارىدى: «ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنى، قاتناش ئورنى ۋە تىيانشان ھەربىي مۇداپىئە سىستېمىسى، باج ئېلىش ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەھلىل قىلغاندا، تاڭ دەۋرىدىكى لۇنتەي شەھىرى دەل ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىدىن ئىبارەت».
مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىنى كۈتۈۋالىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەردە قەدىمىي شەھەرگە تايىنىپ تارىخ لېكسىيەسى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پائال پىلانلىنىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش جەريانىدا قەدىمىي شەھەرگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى قوغداش، تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش، تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى)