خېنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان «ئەجدىھا ئۇسسۇلى» ئېسىڭىزدىمۇ؟ كوچا ئويۇنىنى ئىلھام مەنبەسى قىلغان بۇ نومۇر تاماشىبىنلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا چىڭخەي شىنىڭدىن كەلگەن بۇ كىلاسسىك ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ئېكراندىن ھالقىپ، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا كۆرسىتىلىدىكەن.
بۇ قېتىم چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا كۆرسىتىلىدىغان «ئەجدىھا ئۇسسۇلى»دا شىنىڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەنئەنىۋى ياغاچ ئاياغ ئويۇنى نامايان قىلىنىدىكەن، ئويۇننى خېنەننىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان ئارتىسلىرى ئورۇنلايدىكەن، ئويۇن ئۇدا بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مىڭ دەۋرىنىڭ خۇڭۋۇ يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن لۇشائېر ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ياغاچ ئاياغ ئالاھىدە ئېگىز بولۇش، ئارتىسلار كۆپ بولۇش، ئويۇن جانلىق، ئۆزگىرىش مول بولۇش، رىتىمى جۇشقۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ، چىڭخەي ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ئەڭ بۇرۇن ئورۇنلانغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئادەتتە ياغاچ ئاياغنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2.8 مېتىر، ئەڭ ئېگىز بولغاندا ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىكەن.
چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ شۆلۇ مۇنداق دېدى: «ئويۇن قويۇلغاندا كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن زامانىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىشىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ياغاچ ئاياغ سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ۋە ماھارىتىنى ھېس قىلالايدۇ».
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا يەنە «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سوقماق يۆبىڭى تەييارلاش» كۆرگەزمە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىنا خەۋىرى)