بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئاغرىقلار كالتسىي تولۇقلىسا بولمامدۇ؟ پالەك ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان دۇفۇ يېسىمۇ بولمامدۇ؟(2)
11:21:53 2024-09-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئىككىنچى پىتنە- ئىغۋا: بۆرەككە تاش چۈشكەن بولسا، كالتسىي تولۇقلاشقا بولمايدۇ

تەھلىل: بۇ قاراش توغرا ئەمەس. بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئاغرىقلارنىڭ كالتسىي تولۇقلىشى بىلەن نورمال كىشىلەرنىڭ كالتسىي تولۇقلىشىدا روشەن پەرق بولمايدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ياكى سۆڭەك سۇنۇش سەۋەبىدىن كالتسىي تولۇقلاشقا توغرا كەلگەن، بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئاغرىقلارغا نىسبەتەن، ئادەتتە يېمەك- ئىچمەك ياكى كالتسىي ياسالمىلىرى ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بۆرەك تاش كۆپ چۈشىدىغان ئورۇن، بۆرەككە تاش چۈشۈش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن ئاغرىق بۆرەككە تاش چۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا تىترەك بېسىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئاغرىق «بۆرەككە تىغ سانجىلغاندەك» بولىدۇ. قوزغالغاندا بەك ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرەككە تاش چۈشسە ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئاغرىق يېمەك- ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.

كونا ئاغرىقلار قايتا كېسەل كۆرسەتكەندە دائىم مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، تاش چۈشكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، يېمەك- ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم، كالتسىي تابلېتكىسى يېمىدىم، سۈت ئىچمەيمەن، پالەك يېمەيمەن، لېكىن يەنىلا بۆرىكىمگە تاش چۈشۈپتۇ». كىلىنىكىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئاغرىق ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاش تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالتسىي كاربونات بار، كالتسىي تولۇقلىغاندا بۆرەككە تاش چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئاغرىقلار كالتسىي تولۇقلىسا كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟ جاۋابى، ئۇنداق بولمايدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ %75ىنى كالتسىي ئوكسالات كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئوكسالىك كىسلاتا كالتسىي بىلەن ئۇچراشقاندا، تەستە ئېرىيدىغان كالتسىي ئوكسالات شەكىللىنىدىكەن. سۈيدۈكتىكى ئوكسالىك كىسلاتا بىلەن كالتسىينىڭ بىرىكىشى بۆرەككە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، سۈيدۈكتىكى ئوكسالىك كىسلاتا بىلەن كالتسىينى ئازايتىش ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن بۇ ئىككى خىل ماددا «كۆپ يېسە بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئاز يېسە بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ» دېگەندەك ئاددىي ئەمەس.

كالتسىينى چىقىرىۋېتىش جەھەتتە بۆرەك ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، نورمال ئەھۋالدا تەخمىنەن %20 كالتسىي بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ، قالغان %80 كالتسىي چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قورساققا كىرگەن ئوكسالات يېگەن كالتسىي بىلەن بىرىكىپ، ئوكسالات بىلەن كالتسىي بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلغاندا، سۇدا ئېرىمەيدىغان كالتسىي ئوكسالاتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ ئۇششاق كالتسىي ئوكسالات دانچىلىرى ئوڭۇشلۇق چىقىپ كېتىدۇ، ئارتۇق مىقداردىكى ئوكسالىك كىسلاتا شەكىللەنگەن كالتسىي ئوكسالات يۈكىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تار بۆرەك يولىنى توسۇۋېلىپ، كالتسىي ئوكسالاتنىڭ چىقىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كالتسىي ئوكسالاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چۆكۈپ تاش پەيدا قىلىشىنى ھەمدە «قانچە ئۇزاققا سوزۇلسا شۇنچە چوڭ» بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە سۈيدۈك نەيچىسىگە چۈشۈپ توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، بۆرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كالتسىي تەركىبى تۆۋەن يېمەك- ئىچمەكلەر ئارتۇق ئوكسالات تۇزىنى قانغا كىرگۈزۈپ، ئەكسىچە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە كالتسىي تولۇقلىغاندا بۆرەككە تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ئىسپات يوق. بىرىنچىدىن، كالتسىي ئوكسالىك كىسلاتا بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسالىك كىسلاتانى سۈمۈرۈشىنى ئازايتىپ، كالتسىي ئوكسالات تېشى چۈشۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، كالتسىي تەركىبى مۇۋاپىق يۇقىرى يېمەك- ئىچمەك سۆڭەكنىڭ كالتسىي چىقىرىشىنى ئازايتىپ، قاندىكى كالتسىي سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

شۇڭا بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئاغرىقلار ئادەتتە دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مۇۋاپىق كالتسىي تولۇقلىشى كېرەك. يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە كۆپرەك سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، سۇ ئىچكەندە سۈيدۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، سىرتقا چىقىپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش كېرەك، چۈنكى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن Dنى بىرىكتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125