جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېڭىشىشى ئارقىلىق، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ خەلقئارا كىلىمات سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى پودېستا 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ليۇ جېنمىن بىلەن بىرلىكتە «21- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا كىلىمات ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىزمەت گۇرۇپپىسى»نىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىنى ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاستىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىلىمات سىياسىتى ھەرىكىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)