تەتۈر يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان ئايال شوپۇر ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ئەر قول ياندۇرغان بولسا، خاراكتېرى قانداق بېكىتىلەتتى؟ ئادۋوكات چۈشەندۈرۈپ بەردى
18:55:39 2024-09-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، توردا چىڭداۋ شەھىرى لاۋشەن تېغى مەنزىرە رايونىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ئاق رەڭلىك لۇخۇ دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ماڭغان بىر ئايالنىڭ قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرەلمەي، ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوبۇسقا سوڭدىشىپ كەتكەنلىكى تارقالدى. بۇ ئايال ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن نورمال كېتىۋاتقان شوپۇرغا ئاچچىقلىنىپ، تەلۋىلەرچە تىللاپ، قارشى تەرەپنى ئون نەچچە شاپىلاق سالغان، تاياق يېگەن شوپۇرنىڭ ئېغىز- بۇرنىدىن قان چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئايالغا قول ياندۇرمىغان.

 ئايال شوپۇر ۋاڭ Xنىڭ قىلمىشىغا قارىتا، ھۆكۈمەت تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋاڭ Xنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى»نىڭ 42-، 43- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، گۇڭئەن ئورگىنى ۋاڭ Xكە قانۇن بويىچە 10 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، 1000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

 بۇنىڭغا قارىتا، بەزى تورداشلار «ھېلىمۇ ياخشى تاياق يېگەن ئەر شوپۇر قول ياندۇرماپتۇ، بولمىسا ئۆزئارا ئۇرۇشۇش بولۇپ قالاتتى» دەپ باھا بەردى، يەنە بەزى تورداشلار «ئايال شوپۇرغا بېرىلگەن جازا بەك يېنىك بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ» دەپ قارىدى. بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا، مۇخبىر ئادۋوكاتنى زىيارەت قىلدى.

 ئەگەر ئەر قول ياندۇرغان بولسا، خاراكتېرى ئۆزئارا ئۇرۇشۇش دەپ بېكىتىلەمدۇ؟

 «بۇنداق ئەھۋالدا، قايتۇرما زەربە بېرىشنىڭ يوللۇق قوغدىنىش ھېسابلىنىدىغان ياكى ھېسابلانمايدىغانلىقىغا كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ». بېيجىڭ شەھىرى جىڭدۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنى ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچى شۈ ۋېي مۇنداق  بىلدۈردى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «يېنىك زەخىملەندۈرۈش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بېجىرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يوللۇق قوغدىنىشقا كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقىغا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، خاتالىق بار تەرەپ، كونكرېت ئەھۋالى ھەم جەريانىدىن يىغىنچاقلاپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي ئۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپنىڭ ۋاسىتىسى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، بەلكىم ئۆزئارا ئۇرۇشۇش دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن؛ پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىر تەرەپ ئاۋۋال قول ياندۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاسىتىسى روشەن ھالدا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ياكى بىر تەرەپ ئاۋۋال قول ياندۇرۇپ، قارشى تەرەپ توقۇنۇشتىن تىرىشىپ ساقلانغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىپ، قايتۇرما زەربە بەرگۈچى بىر تەرەپ قارشى تەرەپنى زەخىملەندۈرگەندىلا، ئاندىن يوللۇق قوغدىنىش دەپ بېكىتىلىدۇ.

 مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئەر شوپۇر ئايال شوپۇرنىڭ داۋاملىق ئۇرۇشىغا ئۇچراش جەريانىدا قوغدىنىش تەدبىرى قوللانسا، ئۇنىڭ قىلمىشى يوللۇق قوغدىنىش دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن، لېكىن قوغدىنىش دەرىجىسى ئايال شوپۇرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىغا ماس كېلىشى كېرەك. ئەر شوپۇر ئايال شوپۇرنىڭ داۋاملىق ئۇرۇشىنى توسۇش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ، مەسىلەن، ئايال شوپۇرنى ئىتتىرىش، قايتۇرما زەربە بېرىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەخىملىنىشنى توسۇپ قالسا بولىدۇ. ئەگەر ئەر شوپۇر ھەددىدىن زىيادە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئايال شوپۇرنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى، ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، قوغدىنىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 شۈ ۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىمكانقەدەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك، ئۈنگە، سىنغا ئېلىپ ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى ساقلاش، ھەرگىز ھاياجانلانماسلىق كېرەك.

 جازا نەتىجىسى بەك يېنىك بولۇپ قالدىمۇ؟ 

 ئايال شوپۇرنىڭ قىلمىشىغا قارىتا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، گۇڭئەن ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئايال شوپۇرغا 10 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىپ، 1000 يۈەن جەرىمانە قويغان. بەزى تورداشلار بۇنداق جازا نەتىجىسى بەك يېنىك بولۇپ قاپتۇ، «قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى»، «ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى» بىلەن ئايال شوپۇرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دەپ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 بۇنىڭغا قارىتا، شۈ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: گەرچە ئەر شوپۇرنىڭ ئېغىز- بۇرنىدىن قان ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى يارا ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ، ئالاقىدار تەرەپنىڭ يارا ئەھۋالىنى بېكىتىشكە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەرتىپى بار، ئەگەر ئەر شوپۇر يېنىك يارىلانغان ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن دەپ بېكىتىلسە، ئايال شوپۇر ئاندىن «قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى»گە چېتىلىشى مۇمكىن.

 «ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى» ئادەتتە قىلمىشىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىققا ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك يامان غەرەزگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە ئايال شوپۇرنىڭ قىلمىشى ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت «خالىغانچە بولۇش» ھەم «قىلمىشى قەبىھ بولۇش»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقىغا، دېلو ئەھۋالىنىڭ تەپسىلاتىغا، دەلىل- ئىسپاتنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەم قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

 ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئايال شوپۇر ئىلگىرى ئادەم ئۇرغانلىق سەۋەبىدىن دېلو خاتىرىسى قالدۇرغان بولۇپ، «كۆپ قېتىم ئۇرۇش» ئەھۋالى شەكىللەنگەن بولسا؛ ياكى نەق مەيدان ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سورۇننىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، مەسىلەن، ئېغىر دەرىجىدە ئاپتوموبىللار توسۇلۇپ قېلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئولىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىقلار. ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار بولمىسا، ئۇنداقتا، جىنايەت شەكىللەندۈرۈش ھەقىقەتەن تەس بولىدۇ.

 «تورداشلار كۆرگەن ساقچى تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى پەقەت جەمئىيەت ئامانلىقى جەھەتتىكى جازاغىلا چېتىلىدۇ، لېكىن ئايال شوپۇرغا بېرىلىدىغان جازا پەقەت بۇلارلا ئەمەس».  ئادۋوكات  شۈ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئايال شوپۇرنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە سوڭدىشىش ھەم قېچىپ كېتىش قىلمىشى ھەقىقىي بولۇپ، بۇنىڭغا قاتناش ساقچى تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر قاتناش ساقچىسى ئايال شوپۇرنى سوڭدىشىشتا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم قىلسا، ئۇنداقتا، ئۇ مۇناسىپ تۆلەمنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تەتۈر مېڭىش، ھادىسە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش قاتارلىق قىلمىشلار ئوخشاشلا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جازالىنىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، ئايال شوپۇرنىڭ يەنىلا كەچۈرۈم سوراش، ھەق تەلەپ تۆلىمى بېرىش، داۋالىنىش پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125