ئۈچىنچى پىتنە- ئىغۋا: بۆرەككە تاش چۈشكەندىن كېيىن، پالەك سېلىپ دۈملەنگەن دۇفۇ، سۇڭپىياز ئارىلاشتۇرۇلغان دۇفۇ، ھەتتا دۇفۇ ياكى پۇرچاق ياسالمىلىرىنىمۇ يېسە بولمامدۇ؟
تەھلىل: ئۇنداق ئەمەس. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرىقى يېمەكلىكلەر بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن.
سۈيدۈكتە كالتسىي ئاز بولسا، بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋپى ئازىيىدۇ. ھالبۇكى كۆكتات تەركىبىدىكى كالىي، ماگنىي ئېلېمېنتى سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر يېمەكلىك تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا ھەقىقەتەن كۆپ بولسا، ئۇنى كالتسىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە يېگەن ياخشى، مەسىلەن، پالەك سېلىپ دۈملەنگەن دۇفۇ، جۈسەي بىلەن قورۇلغان دۇفۇ، سۇڭپىياز ئارىلاشتۇرۇلغان دۇفۇ قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا ئوكسالىك كىسلاتانىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئوكسالىك كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن كالتسىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئۈچەيدە كالتسىي ئوكسالاتنى شەكىللەندۈرىدۇ، شەكىللەنگەن كالتسىي ئوكسالات ئۈچەيدىن ئۆتۈپ چوڭ تەرەت ئارقىلىق بىۋاسىتە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.
نوقۇل دۇفۇ يېسىمۇ بۆرەككە تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلمايدۇ، دۇفۇ يەنە بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۇفۇ تەركىبىدىكى، بولۇپمۇ تۇزلۇق سۇ دۇفۇسى بىلەن گەج دۇفۇسى تەركىبىدىكىد ئوكسالىك كىسلاتانىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، ھالبۇكى ئوكسالىك كىسلاتا بۆرەككە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب. دۇفۇ تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتا مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بەلكىم سويا پۇرچاقنى چىلاش جەريانىدا بىر قىسىم ئوكسالىك كىسلاتا سۇدا ئېرىپ يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ياكى دۇفۇ قاتقاندىن كېيىن بېسىلىپ ياكى قويۇپ قويغاندا بىر قىسىم سۇنىڭ تەبىئىي چىقىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئوكسالىك كىسلاتا بۇ سۇ بىلەن بىللە چىقىرىۋېتىلىدۇ. دۇفۇدىن پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر (دۇفۇ قېقى قاتارلىقلار)نىڭ ئوكسالىك كىسلاتا مىقدارىمۇ يۇقىرى بولمايدۇ.
شۇڭا، تاش چۈشۈش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كىشىلەرمۇ مۇۋاپىق مىقداردا دۇفۇ يېسە بولىدۇ، ساغلام كىشىلەر دۇفۇ ياكى پۇرچاق ياسالمىلىرىنى يېسە تاش چۈشۈشتىن تېخىمۇ ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
(تۈگىدى)
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)