ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چى خانىم مۇنداق سورىدى: ئۆتكەندە پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققانىدىم، پويىزغا چىقىپ قارىسام ئورنۇمدا باشقا يولۇچى ئولتۇرۇۋاپتۇ، مەن ئۇنىڭغا پويىز بېلىتىمنى كۆرسەتتىم، بىراق ئۇ ئورۇن بوشىتىپ بېرىشكە ئۇنىماي، كېيىنكى بېكەتتە چۈشۈپ قالىمەن، مېنى بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، دېدى. ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلغۇم كەلمەي توختاپ قالدىم. شۇنى بىلگۈم بار، كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقسام قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا «يولۇچى كۈچكە ئىگە بېلەتتە خاتىرىلەنگەن ۋاقىت، نۆۋەت ۋە ئورۇن نومۇرى بويىچە قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇشى كېرەك. يولۇچى قاتناش قورالىغا بېلەت ئالماي ئولتۇرغان، مۇساپىدىن ئاشۇرۇپ ئولتۇرغان، دەرىجە ئاتلاپ ئولتۇرغان ياكى بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىبارلىق بېلەت بىلەن ئولتۇرغان بولسا، بېلەت پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك، توشۇغۇچى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭدىن بېلەت پۇلىنى قوشۇپ ئالسا بولىدۇ؛ يولۇچى بېلەت پۇلى تاپشۇرمىسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ». «توشۇغۇچى بىخەتەر توشۇش مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، يولۇچىلارغا بىخەتەر توشۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. يولۇچىلار توشۇغۇچىنىڭ بىخەتەر توشۇش مەقسىتىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك. يولۇچىلار كۈچكە ئىگە بېلەتتە خاتىرىلەنگەن ۋاقىت، نۆۋەت ۋە ئورۇن نومۇرى بويىچە پويىزغا ئولتۇرۇشى كېرەك، شۇڭا، سىز سېتىۋالغان بېلەتكە ماس كېلىدىغان ئورۇننى باشقا يولۇچىلار زومىگەرلىك بىلەن ئىگىلىۋالسا ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇش قىيىن بولسا، پويىز خىزمەتچىسىدىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.
مەسىلەن: پويىز خادىملىرى پىكىرلەشكەن، ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئورۇننى زومىگەرلىك بىلەن ئىگىلىۋالغان يولۇچى يەنىلا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنى رەت قىلسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا ئاساسەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تىرامۋاي، پويىز، كېمە- پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى ياكى باشقا ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، سىز ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىسىڭىز بولىدۇ.
(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)