9- ئاينىڭ 2- كۈنى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارغا بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملىتىشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە بېرىلگەن جاۋاب ئېلان قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى: 2024- يىلى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى جەمئىيەت بايلىقنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى، تۈر يولغا قويۇلغان رايونلاردىكى مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارغا HPV ۋلانىغا كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزمەسلىك ئېھتىياج ۋە ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشچانلىقى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، قاتتىق دەلىللەش ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: ھازىر جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، چۇڭچىڭ، شىزاڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، بىر ئاپتونوم رايون، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە جېڭجوۋ، چېڭدۇ، ئوردوس، شىجياجۇاڭ قاتارلىق شەھەرلەر HPV ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، مالىيە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، نورمىلىق ياردەم پۇلى بېرىش ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىككى ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملىدى.
ئالاقىدار خىراجەت كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، «بالىياتقۇ بوينى راكىنى تۈگىتىشنى تېزلىتىش ھەرىكەت پىلانى (2023- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)» ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شارائىتى بار رايونلارنىڭ HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق بايلىقى يېتىشمەيدىغان رايونلاردىكى مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشنى قوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. نۆۋەتتە، HPV ۋاكسىنىسى ئەملىتىش دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلمىدى، ئۆلكە دەرىجىلىكتە HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ياردەم پۇلى مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئالاقىدار ئۆلكىلەر ۋاكسىنا ئەملەش ئېھتىياجى ۋە ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ بېكىتىدۇ.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2023- يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 58 مىليون قېتىم HPV ۋاكسىنىسى ئەملىنىپ، ۋاكسىنا باشقۇرۇش ۋە تەمىنلەش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلگەن.
پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ساغلاملىق ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)