ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر ما يىنىڭ) 9- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 16دە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ5091- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن يېرېۋاندىكى زۋارتنوتس خەلقئارا ئايروپورتىغا قاراپ ئۇچتى، دۆلىتىمىزدىن ئەرمېنىيەگە قاتنايدىغان تۇنجى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزدىن كاۋكازدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىگە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى.
9- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچىدىن يېرېۋانغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئالدىدا. چې جيې فوتوسى
ئۈرۈمچىدىن يېرېۋانغا بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5091/2 بولۇپ، ھەر سەيشەنبە، شەنبە ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىشتا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يېرېۋانغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىشتا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يېرېۋاندىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ.
9- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچىدىن يېرېۋانغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يولۇچىسى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكتە. چې جيې فوتوسى
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلمىغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى موسكۋا، دۇبەي قاتارلىق جايلاردا ئالمىشاتتى، ئايلىنىپ ئۇچۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزاق ئىدى. يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يەككە مۇساپە بەش سائەتكە قىسقىرىدى، ئۈرۈمچىدىن چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار شۇ كۈنى ئايروپىلان ئالمىشىپ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 35 شەھەرگە بارالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)