دورا بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى كەلدى! دورا سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن مەسىلىلىرىنى چۈشىنەمسىز؟
13:37:30 2024-09-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شياڭ ياچى

 توردىن دورا سېتىۋالغاندا، قانداق تاللىسا ئىشەنچلىك بولىدۇ؟ دورا سېتىۋالغاندا قايتۇرۇشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دېگەنلىك زومىگەر ماددا ھېسابلىنامدۇ؟ 9- ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى بولسا مەملىكەتلىك دورا بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، ئادۋوكات ليۇ لىجۈەن ئاممىنىڭ دورا سېتىۋېلىش جەريانىدا دائىم ئۇچرايدىغان مەسىلىلىرىگە بىر- بىرلەپ جاۋاب بەردى.

 سوئال: «دورا سېتىلغان ھامان قايتۇرۇلمايدۇ ۋە ئالماشتۇرۇلمايدۇ» دېگەنلىك زومىگەر ماددا ھېسابلىنامدۇ؟

 ليۇ لىجۈەن: «دورا سېتىلغان ھامان قايتۇرۇلمايدۇ ۋە ئالماشتۇرۇلمايدۇ» دېگەنلىك پۈتۈنلەي زومىگەر ماددا ھېسابلانمايدۇ. ئاتالمىش زومىگەر ماددا بولسا تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن، باراۋەر بولمىغان ئەندىزىلىك ماددا، ئۇقتۇرۇش، بايانات قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەتتە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۆز جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇنداق ماددىلار دائىم ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا سەل قاراپ، سودىلىشىش جەريانىدا ئىستېمالچىلارغا پايدىسىز تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 لېكىن «دورا سېتىلغان ھامان قايتۇرۇلمايدۇ ۋە ئالماشتۇرۇلمايدۇ» دېگەن ماددىنىڭ ئۆزى ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە بەلگىلىك مۇۋاپىقلىققا ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا زومىگەر ماددىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. «دورا تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى (2016- يىلى تۈزىتىلگەن)»نىڭ 173- ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، دورا سۈپىتى سەۋەبىدىن باشقا، دورا سېتىلغان ھامان قايتۇرۇشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمىنىڭ يادروسى دورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامۇۋاپىق ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان دورا سۈپىتى خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. دورا ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، توشۇش، زاپاس ساقلاش، ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق بەلگىلىمە بار، ئىستېمالچىلار دورا سېتىۋالغاندىن كېيىن پېچىتىنى ئاچمىغان تەقدىردىمۇ، دورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، دورىنى سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا يول قويماسلىق بەلگىلىك مۇۋاپىقلىققا ئىگە.

 لېكىن ئىستېمالچىلارغا تولۇق ئۇقتۇرمىغان ياكى دورىدا سۈپەت مەسىلىسى بار ئەھۋالدا، بۇ ماددا زومىگەر ماددا دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئەگەر دورىدا ھەقىقەتەن سۈپەت مەسىلىسى بار بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى (2018- يىلى تۈزىتىلگەن)»نىڭ 40- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەھسۇلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلىتىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان ۋە ئالدىن چۈشەندۈرۈلمىگەن بولسا، مەھسۇلات ياكى ئۇنىڭ ئورالمىسىغا يېزىلغان چۈشەندۈرۈش مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، ماددىي بۇيۇم ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، ئىستېمالچىلار دورا قايتۇرۇشنى، ئالماشتۇرۇشنى ياكى تۆلەم ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125