شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (139) | شىنجاڭنىڭ شامىلى ئادەتتىكىچە ئەمەس، ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ
19:06:01 2024-09-04 تىيانشان تورى

 شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى، شامال چاستوتىسىنىڭ تارقىلىشى بىرقەدەر مۇۋاپىق، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى قارا بوران ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، كەڭ كۆلەملىك شامال ئېلېكتىرىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلىغان.

 بۇ خىل «ئوخشىمايدىغان شامال» ئەۋزەللىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. 

 شامال ئېلېكتىر تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپى تېز تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم، زور پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. 

8- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى شامال ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى شىسەنجيەنفاڭدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مىليون كىلوۋات سائەتلىك شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ يىل 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، بۇ تۈرنىڭ تۇنجى شامال گېنېراتورى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىپ توك چىقاردى، 6- ئاينىڭ 20- كۈنى تولۇق سىغىم بىلەن ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىپ توك چىقىرىلدى، 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە جەمئىي 750 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقىرىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان سەنيى ئېغىر سانائەت- ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) چوڭ مېگاۋاتلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسىدىكى شامال گېنېراتورى قانىتى ياساش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسى سەنيى ئېغىر سانائەت- ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭ مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى ۋە ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانىتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازىسى بولۇپ، بۇ يىل 7- ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىردى. ھازىر، كەسپلەر باغچىسى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 مېگاۋات + دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىرى پۈتۈن گېنېراتورى ۋە 110 مېتىر + دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن قۇرۇقلۇق شامال گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

8- ئاينىڭ 26- كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەشقەر شەھەرلىك پەن- تېخنىكا سارىيىدا پەن- تېخنىكىنىڭ سىرىنى ھېس قىلماقتا. بۇ پەن- تېخنىكا سارىيى شېنجېن شەھىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ياردەم بېرىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال پەن- تېخنىكا سارىيى ھېسابلىنىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

8- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى سەككىز ئات بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈلخان كېچىلىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورقۇ بازىرى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى تۈرىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى ۋە زورايتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس كەنتىدە خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنىنى كۆرمەكتە. ياز پەسلىنىڭ ئاخىرى، قاناس مەنزىرە رايونىدا كۆل سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى، نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، قابا ناھىيەسى چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىدىكى بالىلار يەسلىدە ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تۈرى ۋە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، بۇ كەنت «غەربىي شىمالنىڭ شىمالى»دىكى كىچىك كەنتتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگە نۇقتىسىغا ئايلاندى، كىچىك كەنت يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

8- ئاينىڭ 30- كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرى «جۇلا» ئۇسسۇلىنى ئورۇندىماقتا. شۇ كۈنى، «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىدە، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام ئانسامبىلى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە مەخسۇس مەيدان ئويۇن قويۇپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش، ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى سۇندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125