يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلىش
12:17:00 2024-09-05 تىيانشان تورى

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى قاراماي نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى قۇراشتۇرۇش نەق مەيدانىدا ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت يىلىغا 3 مىليون توننا بېنزىن، دىزېل مېيى، يىلىغا 600 مىڭ توننا ئاۋىياتسىيە كىرسىنى، يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى، يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، 200 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8- ئاينىڭ 29- كۈنى خىزمەتچى خادىم سەنيى ئېغىر سانائىتى- ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) چوڭ مېگاۋاتلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسىدىكى قانات ياساش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسى سەنيى ئېغىر سانائىتى- ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭ مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى ھەم ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانىتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازىسى، نۆۋەتتە كەسىپلەر باغچىسى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان + 10 مېگاۋات دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىرى پۈتۈن گېنېراتورى ۋە +110 مېتىر ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىر قانىتىنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (8- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى گوۋۇيۈەن ئالغا سىلجىتقان 172 تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ «13- بەش يىل» مەزگىلىدىكى 100 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بولۇپ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 2 مىليارد 249 مىليون كۇب مېتىر، سۇغىرىش كۆلىمى 6 مىليون 514 مىڭ 700 مو كېلىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

8- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئالتاي شەھىرى 1- چارۋىچىلىق مەيدانى باقمىچىلىق رايونىغا جايلاشقان چەۋەندازلىق بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش يۇغۇرۇلغان ئەمەلىي مەشىق بازىسىنىڭ مەشىق مەيدانىدا، قۇتۇبى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار چەۋەندازلىق مەشىقى قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى ئاتچىلىق كەسپىنى ساياھەت، مەدەنىيەت، خەلق ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، پىدائىيلار قابا ناھىيەسى چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىدە تور سۇپىسى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تۈرى ۋە جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇ كەنت «غەربىي شىمالنىڭ شىمالى»دىكى كىچىك كەنتتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگە نۇقتىسىغا ئايلاندى، كىچىك كەنت يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

8- ئاينىڭ 26- كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەشقەر شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيىدا پەن-تېخنىكا سىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ پەن- تېخنىكا سارىيى شېنجېن شەھىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ياردەم بېرىشىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 11 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، 2023- يىلى ئېچىلىپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى ساياھەتچىلەرگە 12 مۇقامدىن ئارىيە ئورۇنلاپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى مۇقام سەنئىتىنى مەنزىرە رايونلىرىغا «كۆچۈرۈپ» كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش (8- ئاينىڭ 28- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورقۇ بازىرى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى تۈرىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى، زورايتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

 ھاسىلاتلار مول بولغان كۈز كۈنلىرىدە، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گۈزەل ئەمەلىيەت مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلماقتا؛ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياڭرىماقتا.

 ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى» بولغان قومۇل شەھىرىدىن شىنجاڭنىڭ «مەركىزىي شەھىرى» بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە؛ «نېفىت شەھىرى» قاراماي شەھىرىدىن ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىگىچە، يەنە كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىگىچە، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىدە، تۆت زىيارەت گۇرۇپپىسى تۈر قۇرۇلۇش ئورنى، كارخانا- زاۋۇت ئۆيلىرى، چېگرا پورتلىرى، شەھەر، يېزا-كەنتلەر، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، قەدەملىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقىنى دەڭسىدى، كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى خاتىرىلىدى، قەلبى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى يېڭىلىقنى ھېس قىلدى.

 شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تومۇر سوقۇشىدا، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىدە يولغا قويۇلغان دۆلەتنىڭ 1- تۈركۈمدىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرىدە، بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە جەمئىي 1 مىليارد 680 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، 510 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قېلىندى، 1 مىليون 250 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى ئازايتىلدى ھەمدە شىنجاڭ رايونىدا كۆپلىگەن «ئەڭ»لەر يارىتىلدى؛ 100 يىللىق سودا ئالاقە تارىخىغا ئىگە جېمىنەي پورتىدا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چېگرادىن كىرگەن- چىققانلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى، تاۋار ئاپتوموبىل ئېكسپورت كۆلىمى سىجىل ئاشتى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر «ساياھەت تامىقى» يەپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم يىلدىن- يىلغا ئاشتى.

 شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تومۇر سوقۇشىدا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەجرىبىلەر سان-ساناقسىز كۆپ. قومۇل شىسەن جيەنفاڭ مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى پىلانلاشنىڭ دەسلىپىدىلا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + پاكىز ئېنېرگىيە» ئەندىزىسىدە يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شامال ئېلېكتىر مەيدانىغا ئايلاندى؛ قاراماي نېفىت- خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇنيا دەرىجىلىك سىكلوئالكىل مەھسۇلات بازىسى، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاق ماي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ھازىر خاس نېفىت مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى «سىلىقلاشتۇردى»؛ جىنفېڭ پەن- تېخنىكىسى كەسىپ ھالقىغان ئاقىل ھەل قىلىش لايىھەسى بەرپا قىلىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق كەسىپ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارالىشىش مۇساپىسى ھەمدە كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى قوللىدى؛ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى بازىسى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى باھادا سېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ...

 يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە، يېڭى بۇرچ، مۇھىم ۋەزىپە زىممىگە يۈكلەندى. شىنجاڭنى ئايلانغىنىڭىزدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر مەقسەتتە سىزىۋاتقان شىنجاڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمى ئىچىدە يەنە نۇرغۇن يېڭى، جانلىق ھېكايىنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125