شى جىنپىڭ ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ماجويەن، جى نىڭ) 9- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيە ئىككى دۆلەت بىر- بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. ئىككى تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماۋرىتانىيەگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېزلىتىپ، جۇڭگو- ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ غازۋانىنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشكە پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلاپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
غازۋانى مۇنداق بىلدۈردى: ماۋرىتانىيە- جۇڭگو دوستلۇقى مۇستەھكەم، چوڭقۇر، ماۋرىتانىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ماۋرىتانىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ماۋرىتانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىلاپ بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ھازىر دۇنيا نۇرغۇن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئۈمىدى. ماۋرىتانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانى يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك. ئىككى تەرەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ھۆرمەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، زوراۋانلىققا، ئەسەبىزمگە بىردەك قارشى تۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ھەمدە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى، ماۋرىتانىيە تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)