جۇڭگو− قىرغىزىستان بەدەل پورتى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى
20:22:13 2024-09-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جۇڭگو− قىرغىزىستان بەدەل پورتى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى

 ما شىڭرۇي، ئا.جاپاروف سىنلىق سۆز قىلدى

 توروبايېف، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ) 9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو − قىرغىزىستان بەدەل تاشيول پورتىنى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇراسىمى جۇڭگو- قىرغىزىستان چېگراسىدىكى 6- نومۇرلۇق چېگرا بەلگىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى تەرەپنىڭ بەدەل پورتىدا تۇنجى قېتىم تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف سىنلىق سۆز قىلدى. قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 2023- يىلى 5- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە بەدەل پورتىنى ئېچىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدى. 2024- يىلى 3- ئايدا، گوۋۇيۈەن تەستىقىي جاۋاب بېرىپ بەدەل پورتىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپنىڭ بىر يىلغا يېقىن جىددىي قۇرۇلۇش قىلىشى ئارقىلىق، بەدەل پورتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىش زۆرۈر شەرتىگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتتى. بەدەل پورتىدا ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 ما شىڭرۇي سىنلىق سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بەدەل پورتىنى ئېچىۋېتىش رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ جاپاروف ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. پورتنىڭ ئېچىۋېتىلىشى جۇڭگو- قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، جۇڭگو- قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستان ئۆزئارا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم ئوبيېكتلار. ھازىر، شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلماقتا. بىز ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، قىرغىزىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يەرلىكنىڭ كۈچىنى پائال قوشىمىز.

 ئا. جاپاروف سىنلىق سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بەدەل تاشيول پورتىنىڭ ئېچىلىشى قىرغىزىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. تۈر باشلانغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس، كىلىمات ناچار، تەبىئىي شارائىت ناچار بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە، بەدەل پورتى مۇھىم خەلقئارا تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى كارىدورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىشى ۋە مال ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، قىرغىزىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ. بەدەل پورتى قىرغىزىستان- جۇڭگو ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دەرۋازا بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقە مېخانىزمى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 توروبايېف سۆزىدە مۇنداق دېدى: بەدەل پورتىنى ئېچىۋېتىش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى، قىرغىزىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بەدەل پورتىنىڭ جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان 3- قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورت كارىدورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ قېتىم پورتنى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىشتە تۇنجى قەدەم تاشلاندى، قىرغىزىستان تەرەپ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قىرغىزىستان- جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە بەدەل پورتىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا سودا ھەمكارلىق يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ، ئىستىقبال پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، بايلىق ئېچىش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بەدەل پورتى مۇقەررەر ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو- قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

 بەدەل پورتى جۇڭگو- قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئەركەشتام پورتى، تورغات پورتىدىن كېيىن ئاچقان 3- قۇرۇقلۇق يولى پورتى. پورت دۆلەت دەرۋازىسى رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2754 مېتىر بولۇپ، پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ قېتىم ۋاقىتلىق ئېچىش 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ئاياغلىشىدۇ. پورتتا 2027- يىلى يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يىل بويى ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن، دۆلەت پورت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، تارماقلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار، ئىمپورت- ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. قىرغىزىستاننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125