2024- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى زىخەي ئۆمەك باشلاپ تيەنجىنگە بېرىپ، دۆلەت تەشكىللىگەن قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تيەنجىن شەھەرلىك تېببىي دورا سېتىۋېلىش مەركىزى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
شى زىخەي مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تۈركۈمدىكى دۆلەت تەشكىللىگەن قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى قاتارلىق قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، خورىما ماتېرىيال بازىرى ۋە كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، «بىر مەھسۇلاتقا بىر تەدبىر» قوللىنىش بويىچە مەركەزلىك سېتىۋېلىش قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 4- تۈركۈمدىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش، سۈنئىي بوغۇم كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق سېتىۋېلىشقا تاللاش نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، سېتىۋېلىشقا تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىشقا تاللانغان مەھسۇلاتلارنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش مەھكىمىسى، تيەنجىن شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)